نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
ئالفرېد نوبېل (1833 −1896 ) شۋېتسىيىلىك مەشھۇر كەشپىياتچى ۋە خىمىك. ھاياتلىقىدا ئاساسەن پارتلىتىش دورىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئۆز كەشپىياتىنىڭ ئۇرۇشنى يوقىتىشى، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشىنى ئارزۇ قىلغان. كۆز يۇمۇش ئالدىدا ئۆزىنىڭ31 مىليون220 مىڭ شۋېتسىيە كروناسىدىن ئارتۇق بىساتىنى فوند قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆسۈمى بىلەن «ھەر يىلى ئىنسانلارغا ئەڭ زور تۆھپە قوشقان» لارنى مۇكاپاتلاش ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرغان. شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن «نوبېل فوند جەمئىيىتى» قۇرۇپ، فىزىكا، خىمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مېدىتسىنا، ئەدەبىي ئىجادىيەت، مىللىي ئىناقلىق ياكى تىنچلىقتىن ئىبارەت بەش تۈردە مۇكاپات تەسىس قىلغان. ھەر يىلى12 - ئاينىڭ10 - كۈنى، يەنى نوبېل ئالەمدىن ئۆتكەن كۈنى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى تارقىتىدۇ، مۇكاپاتلانغۇچى بىر مۇكاپاتقا ئېرىشىش گۇۋاھنامىسى، نوبېلنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ۋە خەت ئويۇلغان بىر ئالتۇن مېدال ھەم مۇئەييەن مىقداردا مۇكاپات سوممىسى ئالىدۇ، مۇكاپات سوممىسىنىڭ مىقدارى شۇ يىللىق ئۆسۈم كىرىمىگە باغلىق بولىدۇ، بىر يىلنىڭ بىر يىلغا ئوخشىمايدۇ.1990 - يىلى شۋېتسىيە پادىشاھىنىڭ تەستىقى بىلەن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى «ئەڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى»، «ئەدەبىيات ساھەسىدە كۆڭۈلدىكىدەك خاھىشتىكى ئەڭ نادىر ئەسەر ئىجاد قىلغۇچى» غا بېرىشتىن «يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىجاد قىلىنغان» ياكى «ئەھمىيىتى يېقىنقى يىللاردا ئايان بولغان ئەسەر» گە بېرىشكە ئۆزگەردى. «ئەدەبىي ئەسەر» ئۇقۇمى «ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە ئەسەر» گە كېڭەيدى. ئەدەبىيات مۇكاپات سوممىسىنى ستوكھولم نوبېل فوند جەمئىيىتى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، شۋېتسىيە ئەدەبىيات ئاكادېمىيىسى مۇكاپاتلانغۇچىلارنى باھالايدۇ ۋە بېكىتىدۇ.90 نەچچە يىلدىن بۇيان،1914 -،1918 -،1935 - يىللىرى ۋە1940 - يىلىدىن1943 - يىلىغىچە مۇكاپات تارقىتىلمىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، جەمئىي90 نەچچە كىشى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى (بۇلارنىڭ ئىچىدە1904 -،1917 -،1966 -،1974 - يىللىرى ئىككىدىن كىشى مۇكاپاتلاندى).