خېينېمان مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
1962 - يىلى گېرمانىيىنىڭ خاننوۋېردىكى مىنا يامۇس خېينېمان فونـد جەمئىيىتى بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاساسچىسى ئامېرىكىلىق قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ئالىمى، پـېـداگـوگ ۋە ساخـاۋەتـچـى دانئېل.N. خـېـيـنېـمـان (1872 −1962 )نـى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلغان. ئىككى يىلدا بىر قېـتـىـم تـارقـىـتـىـلـىـدۇ، گوتتېنگىن پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارقىتىدۇ، تەبىئىـي پـەن سـاھەسـىـدىـكـى نادىر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىگە بېرىلىدۇ. مۇكاپات سوممىـسى30 مـىـڭ گېرمانىيە ماركى. خېينېمان مۇكاپاتى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئالىملـىـرىـغـا بېرىلىدۇ.
بۇ مۇكاپات بىلەن ئوخشاش نامدىكىلەردىن يەنە خېينېمان ماتېماتـىـكىلىق فىزىكا مۇكاپاتى بار، ئۇنى1959 - يىلى ئامېرىكىنىڭ خېينېمان تـەتـقـىـقـات، مائارىپ، ساخاۋەت ۋە ئىلىم - پەن فوند جەمئىيىتى تەسىس قىلغان، يـىـلـدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، ئامېرىكا فىزىكا ئىلمى جەمئىيىتى بىلەن ئامېرىكا فىـزىـكـا ئىلمى ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە تارقىتىدۇ، ماتېماتىكىلىق فىزىـكـا سـاھەسـىـدىـكـى نادىر نەشر بۇيۇملىرىغا بېرىلىدۇ. بۇ يـەردە دېـيـىلـىـۋاتقان نـەشــر بۇيۇملىرى ئايرىم ئىلمىي ماقالە، ئىلمىي ماقالىلەر توپلىـمـى، كـىـتـاب يـاكـى نەشر بۇيۇمى دەپ قاراشقا بولىدىغان خەت - چەك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىـگـە ئالىدۇ. خېينېمان ماتېماتىكىلىق فىزىكا مۇكاپاتى5000 دوللار مۇكاپات سوممىسى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ تۆھپىسى خاتىرىـلـەنـگـەن گۇۋاھنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇكاپاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىـڭ دۆلـەت تەۋەلىكى ۋە تۇرۇۋاتقان دۆلىـتـى تـوغـرىـسـىـدا چـەكـلـىـمـە يـوق. بىر ئادەم بەھرىمەن بولسىمۇ، بىرنەچچە ئادەم تەڭ بەھرىـمـەن بـولـسـىـمـۇ بـولـىـدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە نوبېل مۇكاپاتـىـغـا ئېـرىـشـكۈچـىـلـەردىـن نۇرغۇنلىرى بار.