UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارۋىستىنگخوۋس مېدالى

ۋىستىنگخوۋس مېدالى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار ئامېرىكا مېخانىـكـا ئىـنـژېـنـېـرلـىـرى ئىـلـمىـي جـەمئىـيـىـتـى گېئورگى ۋىستىنگخوۋسنىڭ ئېلېكتر قۇۋۋىتى سانائىتىنـى تـەرەقـقـىـي قـىـلـدۇرۇشـقـا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ۋىستىنگـخـوۋس مـائارىـپ فوند جەمئىيىتى1952 - يىلى1 دانە ئالتۇن مېدال،1971 - يـىـلـى يەنە1 دانە كۈمۈش مېدال تەسىس قىلىپ، مېخانىزاتسىيە قۇرۇلۇشىنىڭ دېنامىكـا ساھەسىدىكى نـادىـر مـۇۋەپـپـەقـىـيـەت يـاكـى ئالاھـىـدە خـىـزمـەتـلـەرنى مۇكاپاتلىغان. كۈمۈش مېدال بولسا مۇكاپاتقا ئېرىشـكـەن يـىـلـىـدىـكـى6 - ئاينىڭ30 - كۈنى41 ياشقا توشمىغان زور تۆھپىسـى بـار يـاش ئالـىـملارغا بېرىلىدۇ. گېئورگى ۋىستىنگخوۋس ئامېرىكىدىكى مەشھۇر كەشپىياتچى ۋە سانـائەتـچـى. ئۇ ئامېرىكىدا تۇنجى بولۇپ ئۆزگىرىشچان توك بېـسـىـمـى ئارقـىـلـىـق تـوك يوللاشنى تەشەببۇس قىلغان. T.A. ئېدىسون بىلەن ئۆزگىرىـشـچـان − تۇراقلىق توك بېسىمى ئارقىلـىـق تـوك يـوللاش مـۇنـازىـرىـسـىـدە غەلىـبە قازانغانلىقى ئۈچۈن شۆھرەت تاپقان. ۋىستىنگخـوۋس يـەنـە زامانىۋى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئىنژېنېر. شۇڭا، مۇكاپاتقـا ئېـرىـشـكۈچى تۈرلەر ئېلېكتر قۇۋۋىتىدىن پايدىلىنىش، لايىھىـلەش، ئېـچـىـش، تـەتـقـىـق قىلىش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە چېتـىـلـىـدۇ، شـۇنـداقلا ئېـلــكـتـر قۇۋۋىتى جەھەتتىكى تەشكىللەش خىزمىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نامـزاتلار قۇرۇلۇش ئىلمى جەمئىيىتى يـاكـى تـەشـكىلاتـىـنـىـڭ ئەزالـىـرى بـىـلـەن چەكلەنمەيدۇ.1946 - يىلى ۋىستىنگخوۋس مائارىپ فـونـد جەمئىيىتى يـەنـە قـۇرۇلـۇش مـائارىـپـى سـاھەسىـدە روشـەن نەتىجىسى ۋە كەشپىياتى بار ياش ئوقۇتقۇچى (45 ياشـتـىـن تـۆۋەن)لارنـى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، ۋىستىنگخوۋس مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان، مۇكاپات1000 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بىر دانە مېـدالـنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىستىنگخوۋس ئېلېكتر شىركىتى يەنە كەشپىيات تالانتـى بـار ياش - ئۆسمۈرلەرنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، ۋىستىنگخوۋس ئىلىم - پەن تالانتلىقلىرى كەشپىيات مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان. ھەرقېتىمدا40 نەپەر ئوتـتـۇرا مـەكـتـەپ ئوقۇغۇچىسى مۇكاپاتلانغان. بۇ ئامېرىكىدىكى تارىخـى ئەڭ ئۇزاق، كـۆلىـمـى ئەڭ زور بولغان ئوقۇغۇچىلار پەن - تېخنىكا مۇسابىقىسى بولـۇپ، ئامـېـرىـكـا ياش - ئۆسمۈرلىرىنى پـەن - تـېـخـنـىـكـا كـەشـپـىـيـاتـىـغـا ئاتـلـىـنـىـشـقـا رىغبەتلەندۈرۈشتە ئىنتايىن زور رول ئوينىدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار