ئوساي پەن مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
بۇ،1972 - يىلى پان ئامېرىكا مائارىپ، پـەن ۋە مـەدەنـىـيـەت كومىتېتىنىڭ ئارگېنتىنالىق مەشھۇر فـىـزىئولـوگ دوكـتـور بـېـرنـاردو ئوسـاي (1887 −1971 )نى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلغان پـەن مـۇكـاپـاتـى. ئۇ ھىپوفىز ھورمونىنىڭ قان شېكىرىنى تەڭشەش رولىنى بايقىغانـلـىـقـى ئۈچـۈن، كورى ئەر - خوتۇن بىلەن بىللە1947 - يىللىق نوبېل مېدىـتـسـىـنـا يـاكـى فىزىئولوگىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئۇساي پەن مۇكاپاتى يىلدا بىر قېتىم تـارقـىـتىـلـىـدۇ، لاتـىـن ئامېرىكىسىدىكى جانلىقلار ئىلمى، نازۇك پەن، يېزا ئىگىلىك ئىلمى، تەرەققىياتقـا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا تەتقىقاتى قاتارلـىـق ساھەلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىدە ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان تەتقىقاتچىغا بـېـرىـلـىـدۇ. ئۇ30 مـىـڭ دوللارلىق مۇكاپات پـۇلـى، بىر لـەۋھە ۋە مۇكاپات ئېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىككى كىشىلىك ساياھەت چېكىـنـى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.