جۇڭگو چېن جياگېڭ مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
بۇ − مەرھۇم جۇڭگو مۇھاجىرلىرى داھىـيسـى، مەشھۇر پـېـداگـوگ چـېـن جياگېڭ ئەپەندىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى. مۇكـاپـات پۇلىنى چېن جياگېڭ فونـد جەمئىيىتى تـەمـىـنـلەيـدۇ. فـونـد جەمئىيىتى جـۇڭـگـو پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسى ۋە جۇڭگو پەن - تېخنىـكـا ئۇنـىـۋېـرسـىـتـېـتـى، بـېـيـجـىـڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتـارلـىـق دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئالىملار، چېن جياگېڭ جەمەتىنـىـڭ ۋەكىللىرى، شيامېن شىڭجى شىركىتىنىڭ ۋەكىللىـرى، ئامـېـرىـكـىـدىـكـى مەكتەپداشلار جەمئىيىتى ۋە پەن - مائارىپ ئىشلىرىـنـى قـىـزغـىـن سۆيىدىغان جەمئىيەتتىكى مەشھۇر زاتلاردىن تەشكـىـل تـاپـىـدۇ. جـۇڭـگـو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى جۇ گۇاڭجاۋ چېن جياگېـڭ فـونـدىـنـىـڭ كېڭەش باشلىقلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغـان. مـۇكـاپـات ئاسـاسـەن فىزىكا، ھاياتلىق ئىلمى، يەر شارى ئىلمى، تېخنىكا ئىلمـى ۋە داۋالاش - دورىگەرلىك ئىلمى قاتارلىق ئالتە ساھەگە، ئېلىمىزدىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىـن كـېـيـىـن گەۋدىلىك تەتقىقات نەتىـجـىـسـى بـار پـەن - تـېـخـنىـكـا ئىختىساسلىقلىرىغا تارقىتىلىدۇ.
چېن جياگېڭ مۇكاپاتى1988 - يىلى تەسىس قىلىنغان.