UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارزىگلېر مۇكاپاتى

زىگلېر مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار 1975- يىلى گېرمانىيە فرانكفورد ۋە ئامېرىكـا خـىرسـسىـت خـىـمـىـيـە ئىلمىي جەمئىيىتى مەشھۇر خىمىك كارل زىگلېرنى خـاتـىـرىـلـەش ئۈچـۈن تەسىس قىلغان. زىگلېر سۇلياۋنىڭ سۈپىتىنى ئالاھىدە ياخشىلـىـغـانـلـىـقـى ئۈچۈن G. ناتال بىلەن بىرلىكتە1963 - يىلى نوبېل خىمىيـە مـۇكـاپـاتىـغـا ئېرىشكەن. زىگلېر مۇكاپاتى20 مىڭ مارك، بىر دانـە ئالتۇن مېدال ۋە بىر لەۋھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ مۇكاپات ئورگـانـىـك مېتال بىرىكمىلىرى خىمىيىسى ياكى كاتالىزاتور خىـمـىـيـىـسـى سـاھەسـىـدە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئالىملارغا بېرىلىدۇ. ئادەتتە، بىرنەچچە يـىـلـدا بـىـر قېتىم تارقىتىلىدۇ. گېرمانىيە خىمىيە ئىلمى جەمئىيىتى يىغىنىدا تارقىتىلىدۇ، مۇكاپاتـقـا ئېرىشكۈچى يىغىندا ئۆزىنىڭ خىزمىتى توغرىـسـىـدا «كـارل زىگلېرنى خاتىرىلەش نۇتقى» سۆزلەيدۇ. زىگلېر مۇكاپاتى دۇنيادىـكـى ھەرقـايـسـى ئەل ئالىملىرىغا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
زىگلېر مۇكاپاتى | UyghurWiki | UyghurWiki