UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارياپونىيە ئاكوتاگاۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى

ياپونىيە ئاكوتاگاۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار 1935 - يىلى ياپونىيە «ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ بىر يىلى» ژۇرنىلى مەرھۇم يازغۇچى ئاكوتاگاۋا ريۇنوسۇكىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن تەسىس قىلغان ئەدەبىيات مۇكاپاتى، ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى يېڭى كىشىلەرگە يار - يۆلەك بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاكوتاگاۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەر يىلى بىر قېتىم باھالىنىپ، ئىككى قېتىم تارقىتىلىدۇ.2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قېلىپ،1949 - يىلى ئەسلىگە كەلگەن. باھالاش كومىتېتى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان نامسىز يازغۇچىلار ياكى يېڭى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى (ھېكايە - رومان، سەھنە ئەسەرلىرىنى ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم1 -2 پارچىنى تاللاپ، ئاۋۋال «ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ بىر يىلى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىدۇ، ئاندىن مۇكاپات بۇيۇمى ۋە سوممىسىنى تارقىتىدۇ. باھالاش كومىتېتى «ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ بىر يىلى» تەھرىراتىدىكى پىشقان داڭلىق يازغۇچى - ئوبزورچىلاردىن تەشكىل تاپقان. ھازىرغىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نادىر ئەسەرلەردىن ئىنوئۇيې ياسۇشىنىڭ «كالا سوقۇشتۇرۇش»، خورىتا زېنېنىڭ «غېرىبانە مەيدان»، ماسۇموتو سېيچونىڭ «بىر پارچە <كامېر خاتىرىسى>»، مىئورا تېسۇئونىڭ «ئوشى كاۋا»، كائىكو كاسۇنىڭ «يالىڭاچ پادىشاھ» قاتارلىقلار بار. ئاكوتاگاۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر گەرچە مۇنتىزىم ساپ ئەدەبىيات بولۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىرى ئىچىدە بەزى ساغلام بولمىغان ئەسەرلەرمۇ يوق ئەمەس
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
ياپونىيە ئاكوتاگاۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى | UyghurWiki | UyghurWiki