UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلاركوپلېي مېدالى

كوپلېي مېدالى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار بۇ − ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى تارقاتـقـان ئەڭ قـەدىـمـىـي ئىلىم - پەن مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى.1731 - يىلى ئەنگـلـىـيـە خـان جـەمەتـى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەزاسى سىر گودفرېي كوپلېينىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن تەسىس قىلىنغان. يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىـدۇ، بىردانـە ئالتۇن يالىتىلغان كۈمۈش مېدال ۋە100 فوندستېرلـىـڭ مـۇكـاپـات (بـۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ سوممىدىـكـى مـۇكـاپـات ئىـدى) بـولـۇپ، مـۇشـۇ مۇكاپاتنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ئىشلەنگەن تەبىئەت پەلسەپىسى تەتقـىـقـاتـى نەتىجىلىرىگە بېرىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجىلەر ئېلان قىلىنغان ياكـى خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىگە مەلۇم قىلىنغان بولۇشى كېرەك. مۇكاپاتقـا ئېرىشكەن تۈرلەرنى خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتى كېڭـىـشـى بـاھالايـدۇ، شۇڭا، ئادىل بولۇشى ئۈچۈن، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كېڭەش ئەزالىرىنـىـڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە بولمايدۇ. كوپلېي مېدالى ھايات ئالىملارغىلا بېرىلـىـدۇ، ۋاپات بولغانلارغا بېرىلمەيدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىـكـى، ئىـرق چەكلىمىسى يوق، مۇكاپاتقا ئېرىشكـەن تـۈرلـەرنـىـڭ تـاماملانـغـان ۋاقـىت چەكلىمىسىمۇ يوق، ئوخشاش بىر ئالىم ئوخشاش بولمىغان نـەتـىـجـىـلـىـرى ئارقىلىق كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشسە بولىدۇ.1957 - يىلىدىن ئېتـىـبـارەن، جون جاففيي مۇكاپاتىنىڭ1000 فۇند ستېرلىڭلىق مۇكاپات پۇلى كوپلېي مېدالى بىلەن بىللە تارقىـتـىـلـدى، يـەنـى مـۇكـاپـات پـۇلـى1100 فـونـد ستېرلىڭ بولدى، بىراق مۇكاپاتقـا ئېـرىـشـكۈچـى نـوبـېـل مـۇكـاپـاتـىـغـا ئېرىشكۈچى بولسا، ئۇنىڭغا100 فوند ستېرلىڭلىق كوپلېي مـۇكـاپـاتـىلا بېرىلىدۇ. كوپلېي مېدالىنىڭ مۇكاپات سوممىسى باشـقـا نـۇرغـۇن مـۇكـاپـاتلارغـا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىلىم جەھەتتىكى ئورنى تارىخىنـىـڭ ئۇزاقلىقى بىلەن مەشھۇر. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيادىكى مەشـھـۇر ئالىملار. تۇنجى كوپلېي مېدالىغا ئېرىشكۈچى ئېلېكتر ئىلمى تەتقىقـاتـىـنىـڭ پېشۋاسى S. گرېي. ھازىرقى زاماندىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچـىـلـەر ئىـچـىـدە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەردىن نۇرغۇنلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار