UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارجۇڭگو دۆلەت كەشپىيات مۇكاپاتى

جۇڭگو دۆلەت كەشپىيات مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەشپىيات مۇكاپاتى نـىـزامـى» دا، كەشپىيات مۇكاپاتى ئاساسەن ئەمەلىي قوللىنىشچان مۇنـەۋۋەر تـېـخـنـىـكـا مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە تارقىتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كەشپىيات مۇكاپـاتـىـنـى ئىلتىماس قىلىشتا زور پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيىتى بولۇشى، شۇنىڭ بىـلـەن بىللە تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: بىرىنچى، ئىلگىرىكـىـلـەر قىلمىغان بولۇشى؛ ئىككىنچى، ئىلغار بولـۇشـى؛ ئۈچـىـنـچـى، قوللىنىشقا بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىنىشى كېرەك. دۆلەت كەشپىيـات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كەشپىياتلار دۆلەتنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولـىـدۇ، پـۈتـۈن مەملىكەتتىكى ئورۇنلار ئۇنىڭدىن پايدىلانسا بولـىـدۇ. دۆلـەت كـەشـپـىـيـات مۇكاپاتىغا گۇۋاھنامە، مۇكاپات پۇلى ۋە مېدال تارقـىـتـىـلـىـدۇ، مـۇكـاپـات تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. ئالاھىـدە زور كـەشـپـىـيـاتلار ئالاھىـدە مۇكاپات قاتارىغا كىرگـۈزۈلـۈپ، دۆلـەت پـەن - تـېـخـنـىـكـا كـومـىـتـېـتـى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا يوللىغاندىن كېيىن، ئايرىم مۇكاپات بېرىلىدۇ. كەشپىيات مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە باھالاش تەرتىپى مۇنـداق: كەشپىيات مۇكاپاتىغا ئىـلـتـىـمـاس قـىـلـغـان پـەن - تـېـخـنـىـكـا نەتىجىلىرى ئاۋۋال ھۆججەتتىن ئاختۇرۇلىدۇ، يەنى، «يېڭىلىقى تەكشۈرۈلىدۇ»، ئۇنىڭ يېڭىلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيـىـن، ئانـدىـن «كـەشـپـىـيـات ئىلتىماسنامىسى» تولدۇرۇلىدۇ. مەركەزدىكى مـەسئۇل تـارمـاقلار ۋە ئۆلـكـە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئاساسىـي قـاتلام يـولـلـىـغـان «ئىلتىماسنامە» نى ۋاقتىدا تەكشۈرگەندىن كېيىن، «كەشپىـيـات مـۇكـاپـاتـى نىزامى» غا ئۇيغۇن كېلىدىغان نەتىجىلەرگە تەكشۈرۈش پىكرىـنـى قوشۇپ، دۆلەت كەشپىيات باھالاش كومىتېتىغا يوللايدۇ. دۆلەت كەشپىيات بـاھالاش كومىتېتى بارلىق تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ باھالىغاندىن كېيـىـن، دۆلـەت پـەن - تېخنىكا كومىتېتى تەكشۈرۈپ مۇكاپات تارقىتىدۇ. كەشپىيات مۇكاپاتىنىڭ تەقسىملىنىشى ئىككى خىل بولىدۇ: خـىـزمـەت دائىرىسىدە كەشىپ قىلغان بولسا، ئېرىشكەن مۇكاپاتنى شۇ ئادەم تۇرۇشلـۇق ئورۇن كەشىپ قىلغۇچىنىڭ تۆھپىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكـىـگـە ئاسـاسـەن مۇۋاپىق تەقسىم قىلىدۇ؛ خىزمەت دائىرىسىدىن سىرت كـەشـىـپ قـىـلـغـان بولسا، ئېرىشكەن مۇكاپات شەخسكە بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
جۇڭگو دۆلەت كەشپىيات مۇكاپاتى | UyghurWiki | UyghurWiki