UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارئاكا - ئۇكا رايتلار مېدالى

ئاكا - ئۇكا رايتلار مېدالى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار 1924 - يىلى ئامېرىكا ئاپتوموبىل ئىنژېنېرلىـرى ئىـلـمـىـي جەمئىيىتى ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش شۆبە جەمئىيىتى ئورۋىللې رايت بىلەن ۋىلبۇررايت ئاكا - ئۇكىنى خاتىرىلەش ۋە مۇشۇ ئارقىلىـق ئاۋىئاتـسـىـيـە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تەسىس قىلـغـان. ئاكا - ئۇكا رايتلار1903 - يىل12 - ئاينىڭ17 - كۈنى باشقۇرغىلـى بـولـىـدىـغـان ماتورلۇق ئايروپىلاندا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىـك ئۇچـۇپ، ئايـروپـىلان دەۋرىنى ئاچقان.1961 - يىلى ئىلمىي جەمئىيەت مۇكاپات دائىرىسىنى كېڭەيتـتـى ۋە ئۇنى يىللىق مۇكاپاتقا ئۆزگەرتىپ، ھاۋا دېنامىكىسى، قۇرۇلما نەزەرىـيـىـسـى ھەم ئاۋىئاتسىيە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئالەم ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىـق قـىـلـىـش، ياساش، مەشغۇلات قىلىش جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى ئىلمىـي مـاقـالـىـلـەرگـە بەردى. ئەگەر شۇ يىلى يۇقىرىدا ئېيتىلغان جەھەتلەردىكى مۇۋاپىق ئىلـمـىـي ماقالە بولمىسا، ئاۋىئاتسىيە ياكى ئالەم ساھەسىدىكى ھەرقانداق بىر تېمىدىـكـى ئەڭ ياخشى ئىلمىي ماقالىنى باھالاشقا بولىدۇ. ئىلمىي مـاقـالـە ئاسـاسـەن ئۇنىڭ بىلىمگە قوشقان يېڭى تۆھپىسىنىڭ قىممىتى بويـىـچـە بـاھالىـنىـدۇ. تاللانغان ئىلمىي ماقالىلەر ئىلمىـي جـەمئىيەت يـىـغـىـنـىـدىـن ئىـلـگـىـرى تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. مېدالغا ئېرىشكۈچى ئۈچ يىلدىن كېيىن ئاندىـن قـايـتـا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.1975 - يىلى ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم ئىلمىي جەمئىيـىـتـى1965 - يىلى تەسىس قىلغان ۋىلبۇررايت ۋە ئورۋىللې رايتنى خاتىرىلەش نۇتقىنىڭ نامىنـى بۇرادەر ۋرايتلار ئاۋىئاتسىيە ئىلمىي لېكسىيىسىگە ئۆزگەرتتى. لېكـسـىـيـە ۋە نۇتۇقتا بۇرادەر ۋرايتلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسى خاتىرىلىنىدۇ ھەم مـۇشـۇ ئارقىلىق ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. لېكسـىـيـە سۆزلىگـۈچـى بىر دانـە مـېـدال، بىر لـەۋھەگـە ئېـرىشىـدۇ ھەم ئالـەم ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنولوگىيە يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
ئاكا - ئۇكا رايتلار مېدالى | UyghurWiki | UyghurWiki