جۇڭگو ۋۇ جيەنشيۇڭ فىزىكا مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
جۇڭگو فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتى دائىمىي كېڭىـشـى1986 - يـىـل5 - ئاينىڭ15 - كۈنى بىر تۈرلۈك فىزىكا مۇكاپاتىنى ماقۇللاپ، ئۇنـى ئامـېـرىـكـا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق مەشھۇر فىزىك ۋۇ جيەنشيۇڭنـىـڭ نـامـى بـىـلـەن ئاتىدى. بۇ مۇكاپاتنى شياڭگاڭ يىلىدا سانائەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكـلىـك شىركىتى ئېلىمىزدە تەسىس قىلغان، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا مۇنەۋۋەر فىزىكا تەتقىقاتـى نەتىجىسى ياراتقان شەخس ياكى كوللېكتىپقا تارقىتىدۇ.
بۇ مۇكاپات ئېلىمىزدىكى ياش فىزىكـلار (35 يـاش ئۆپچۆرىسىدە) نىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبە فـىـزىـكـىـسـىـغـا دائىـر مـۇنـەۋۋەر تەتقىقات نەتىجىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، ئادەتتە، ئېلىمـىـز ئالىملىرى چەت ئەللەردە قولغا كەلتۈرگەن فىزىكا تەتقىقات نەتىجىـلـىـرىـگـە بېرىلمەيدۇ. ئومۇمەن، يېڭى ھادىسىلەرنى بايقاش، فىزىكا قانۇنىيەتلىـرىـنـى شەرھلەش، قانۇنىيەت ئارقىلىق ئاچقۇچلۇق مەسىلىلـەرنـى ھەل قـىـلـىـش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇنەۋۋەر تەجرىبە فىزىكىسى تەتقىقاتى نەتىـجـىـسـىـگـە ئېرىشكەن شەخس ياكى كوللېكتىپلارغا بېرىشكە بولىدۇ. ئىككى يىلدا بىر قېتـىـم تارقىتىلىدۇ.
تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، مەملىـكـەت خـاراكـتـېـرلـىـك ئىلمىي تەشكىلاتلار ياكى كاندىدات تەتقىقاتچى (دوتسېنت)، ياكى كاندىـدات تەتقىقاتچى (دوتسېنت)دىن يۇقـىـرى دەرىـجـىــدىـكـى پـەن - تـېـخـنـىـكـا خىزمەتچىلىرىدىن بەش ئادەم بىرلىشىپ ئىلتىماس تۈرلىرىنى تەۋسىيـە قـىـلـسـا بولىدۇ. جۇڭگو فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتىدە يىلىـدا سـانـائەت تـەرەقـقـىـيـات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن «ۋۇ جيـەنشـيۇڭ فـىـزىـكـا مۇكاپاتى» نى باھالاش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، دەسلـەپـكى تـەكـشـۈرۈشـتـىـن ئۆتكەن ئىلتىماس تۈرلىرىنى بېكىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، جـۇڭـگـو فىزىكا ئىلمىي جەمئىيىتى مۇكاپات تارقىتىدۇ. بـاھالاش كـومـىـتـېـتـىـنـىـڭ ھازىرقى مۇدىرى خۇاڭ كۈن، مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ فۇچۈن.