UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارجۇڭگو دۆلەت ئۇچقۇن مۇكاپاتى

جۇڭگو دۆلەت ئۇچقۇن مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار «ئۇچقۇن پىلانى» نى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىش، ئوتتـۇرا - كـىـچـىـك كارخانىلار، يېزا - بازار كارخانىلىرى ۋە كەڭ يېزىلارنىڭ پـەن - تـېـخـنـىـكـا تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يەرلىك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئۈچـۈن، دۆلـەت1987 - يىلى ئۇچقۇن مۇكاپاتىنى تەسـىـس قـىـلـدى، بـۇ ئۇچـقـۇن پـەن - تېخنىكا مۇكاپاتى، ئۇچقۇن ئىختىساسلىقلارنى يېتىـلدۈرۈش مـۇكـاپـاتـى، ئۇچقۇن باشقۇرۇش مۇكاپـاتى، ئۇچـقـۇن مـۇنـەۋۋەر يـاشلار مـۇكـاپـاتـى، ئۇچقۇن ئۈلگىلىك كارخانا مۇكاپاتىنى ئۆز ئىـچـىـگـە ئالـىـدۇ. مـۇكـاپـاتـقـا ئېرىشكۈچىلەر ئورۇن، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر بولسا بـولـىـدۇ. ئۇ دۆلـەت دەرىجىلىك، ئۆلكە - شەھەر دەرىجىلىك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇچقـۇن مـۇكـاپـاتـىـنـى ئىـلـغـار تـېـخـنـىـكىلارنـى ئاچـقـان يـاكـى ئومۇملاشتۇرغان، قوللانغانلارغا؛ يېتەكچىلىك ۋە ئۈلگىلىـك خـاراكـتـېـرگـە ئىگىلەرگە؛ سېلىنمىسى ئاز، ئۈنۈمى تېز، ئىقتىسـادىـي ئۈنـۈمـى روشـەن بـولـغـان تۈرلەرنى تاماملىغۇچىلارغا بېرىش بەلـگـىـلـەنـگەن. كـەسـپـىـي تـېـخـنـىـكـا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە مۇھىم تۆھپە قوشقانلارغا ئۇچقـۇن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىلدۈرۈش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. «ئۇچـقـۇن پـىلانـى» نى يولغا قويۇشتا تەشكىللەش، باشقـۇرۇش خـىـزمـىـتـىـدە مـۇھىـم تـۆھپـە قوشقانلارغا ئۇچقۇن باشقۇرۇش مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. يەرلىك ئىـقـتـىـسـادنـى گۈللەندۈرۈشتە گەۋدىلىك ئۇتۇق قازانـغـان مـۇنـەۋۋەر يـاشلارغـا ئۇچـقـۇن مۇنەۋۋەر ياشلار مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. يەرلىك ئىقتىسادنى گـۈلـلـەنـدۈرۈشـتـە يېتەكلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئوينىـغـان ئىـلـغـار كـارخـانـىلارغـا ئۇچقۇن ئۈلگىلىك كـارخـانـا مـۇكـاپـاتـى بـېـرىـلـىـدۇ. بـىـراق، كـارخـانـا ئىشلەپچىقارغان ياكى ئاچقان تۈرلەر مۇھىتنى ئېـغـىـر دەرىـجـىـدە بـۇلـغـاپ، قىممەتلىك بايلىققا زىيان يەتكۈزۈپ، ئېكولوگىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزسا، مۇكاپات بېرىلمەيدۇ. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىـق شـەھەرلـەر مـۇنـاسـىـپ دەرىجىدىكى ئۇچقۇن مۇكاپاتى باھالايدۇ ھەم بىرنەچچە تۈر تاللاپ دۆلەت پەن - تېخنىكا كومىتېتىغا يوللايدۇ. دۆلەت پەن - تېخنىكا كومىتېـتـى تەسىس قىلغان دۆلەت ئۇچقۇن مۇكاپاتىنى بـاھالاش كـومـىـتـېـتـى دۆلـەت دەرىجىلىك ئۇچقۇن مۇكاپاتىنـى بـاھالاش، تـەسـتـىـقلاش ۋە تـارقىـتـىـش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇچقۇن مـۇكـاپـاتـى يـىـلـدا بـىـر قـېـتـىـم بـاھالـىـنـىـدۇ، مـەنـىـۋى رىغبەتلەندۈرۈش ئاساس، ماددىي رىغبەتلەندۈرۈش قوشۇمچە قـىـلـىـنـىـدۇ. مۇكاپاتلاش شەكلى، مۇكاپات سوممىسىنى باھالاش ئاپپاراتى بېكىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار