ماركونى خەلقئارا مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
G. ماركونى − ئىتالىيىلىك، تېلېگراممىنى كەشىپ قىلغۇچى. ئامـېـرىـكـا ئاسپېن ئىلمىي جەمئىيىتى1974 - يىلى ئۇ تۇغۇلغانلىقىنىڭ100 يىللىـقـىـدا بۇ خەلقئارا مۇكاپاتنى تۇنجى قېتىم تارقىتىپ، ماركونـىـنـىـڭ پەننىي كەشپىياتى، قۇرۇلۇش ۋە تېخنىكا جەھەتتە قولغا كەلـتـۈرگـەن غـايـەت زور ئۇتۇقلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارائىتـىـنـى يـاخـشىلاشـقـا قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلىگەن.
ماركونى خەلقئارا مۇكاپاتىـنـى تـەسـىـس قـىـلــشـتـىـكـى مـەقـسـەت، كېيىنكىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ پەننىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ماركونىـغـا ئوخشاش نىشان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشـقا رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. مـاركـونـى مۇكاپاتى20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە تارقىتىلدى، مۇشۇ مەزگىـلـدە يـىـلـدا بىر قېتىمدىن تارقىتىلدى، مۇكاپات25 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مۇكـاپـات ۋە بىر دانە ئىپتىدائىي ئويمىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىـدۇ. بـۇ مۇكاپات كىشىلەرنىڭ خەۋەرلىشىش ئىلـمى ۋە تـېـخـنـىـكـا جـەھەتـتـىـكـى بىلىملەردىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمـۇشـىـنـى يـاخـشـىلاش ئۈچۈن ئىشلىگەن ئىجادىي خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىـيـەت بـېـرىـدۇ. مـۇكـاپـات مۇشۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشـقـان ۋە تـۆھپـە قـوشـقـان شـەخـسـلـەرگـە بېرىلىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى دۆلەت تەۋەلىكـى، دىـن، ئىرق، جـىـنــس، يـاش قاتارلىق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايدۇ، مۇكاپاتـقـا ئېـرىـشـكـۈچـى ئۆزىـنىـڭ خىزمىتى توغرىسىدا جامائەتچىلىككە نۇتۇق سۆزلىشى كېرەك.