UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارئىسپانىيە سېرۋانتېس ئەدەبىيات مۇكاپاتى

ئىسپانىيە سېرۋانتېس ئەدەبىيات مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار بۇ مۇكاپات ئىسپانىيىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى مىگۇئېل دې سېرۋانتېسنىڭ نامىغا قويۇلغان.1976 - يىلى تەسىس قىلىنغان، ئىسپانىيىنىڭ نوپۇزى ئەڭ يۇقىرى، تەسىرى ئەڭ چوڭ يىللىق ئەدەبىيات مۇكاپاتى. بۇ مۇكاپات ئىسپان تىلىدا ئەسەر يازغۇچىلارغا يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، دۆلەت تەۋەلىكىگە قارىمايدۇ. ئىسپانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى پەنلەر ئاكادېمىيىلىرى نامزات كۆرسىتىپ باھالايدۇ، ئىسپانىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا مۇكاپات تارقىتىدۇ، سوممىسى5 مىليون پېسېتا،1979 - يىلىدىن باشلاپ10 مىليون پېسېتاغا كۆپەيدى، بۇنىڭدىن ئىككى كىشى بەھرىمەن بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار