ئاندېرسېن مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
بۇ مۇكاپات دانىيىنىڭ داڭلىق چۆچەك يازغۇچىسى ھانىس ئاندېرسېن (1805 −1875 ) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن1955 - يىلى تەسىس قىلىنغان، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم خەلقئارا ياش - ئۆسمۈرلەر كىتابلىرى ھەيئىتى تارقىتىدۇ. مۇكاپاتلانغۇچى بىر ئالتۇن مېدال ۋە بىر تەقدىرنامىگە ئېرىشىدۇ، دەسلەپتە ھايات يازغۇچىلارغىلا بېرىلگەن.1965 - يىلىدىن باشلاپ مۇنەۋۋەر قىستۇرما رەسىم رەسساملىرىغىمۇ بېرىلىدىغان بولدى. مۇكاپاتلانغۇچىلار ياش - ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقلىرى ئىجادىيىتى بىلەن ئۇزاق يىل شۇغۇللانغان ۋە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلار بىلەن چەكلىنىدۇ.