ھېنرىخ ۋىللاند مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
1964 - يىلى گېرمانىيە ھامبۇرگ سۈنئىـي سـېـرىـق مـاي ئوزۇقـلـۇق بۇيۇملىرى تەتقىقات ئورنى پروفېسسور ھېنرىخ ۋىللانـدنـى خـاتـىـرىـلەش ئۈچۈن تەسىس قىلغان. ۋىللاند جىگەر ئۆت كىسلاتاسى تەتقـىـقـاتـىـدىـكـى مۇۋەپپەقىيىتى سەۋەبىدىن1927 - يىللىق نوبېـل خـىـمـىـيـە مـۇكاپـاتـىـغـا ئېرىشكەن. بۇ مۇكاپات يىللىق مۇكاپـات بـولـۇپ،15 مـىـڭ مارك مۇكاپات پۇلى،بىر لەۋھە ۋە بىر دانە مېدالنى ئۆز ئىچىگە ئالىـدۇ، ئاساسەن ياش ئالىملارنىڭ بىئو خىمىيە ۋە فىزىئولوگىيە جەھەتـتـە قـولـغـا كەلتۈرگەن ئالاھىدە ئۇتۇقلىرىغا بـېرىلـىـدۇ؛ بـۇ ئارقـىـلـىـق يـاغ ۋە يـاغ تىپىدىكى ماددىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى تەتـقـىـقـات كلىنىكا ۋە ئوزۇقلۇق فىزىئولوگىيىسى جەھەتتىن ئىـلـگـىـرى سـۈرۈلـىـدۇ. مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلىنغان نەتىجە ئالدىنقى ئىككى يىلدا تاماملانغـان بـولـۇشـى لازىم، ئېلان قىلىنغان ياكى ئېلان قىلىنمىغان بولـسـىـمـۇ بـولـىـدۇ. مـېـدال دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل ئالىملىرىغا بېرىلىدۇ.