فرانسىيە گونكۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
1896 - يىلى فرانسىيىلىك ئېدموند دې گونكۇر ئۇكىسىنىڭ ياش ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئېچىنىپ، ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۆزى كۆز يۇمۇش ئالدىدا ئۆزىنىڭ مال - مۈلكىنى فوند قىلىپ گونكۇر ئىنستىتۇتىنى قۇرۇش، ئۇلار ھايات چېغىدىكى10 نەپەر يېقىن دوستىنى ئاكادېمىكلىككە تەيىنلەش، ھەر يىلى شۇ يىلى نەشر قىلىنغان ئەڭ نادىر ھېكايىدىن بىرنى تاللاپ مۇكاپاتلاش، مۇكاپاتلانغۇچىغا50 فرانك قىممىتىدىكى سىمۋول خاراكتېرلىك بىر پارچە چەك بېرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان. مۇكاپات سوممىسى بەك ئاز بولسىمۇ، نوپۇزى بەك يۇقىرى، ھەتتا فرانسىيە ئىنستىتۇتى ھېكايە مۇكاپاتىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. مۇكاپاتنى گونكۇر پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارقىتىدۇ، ئاپتورلار ئادەتتە ياشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئانتونىنا مايېر، ئېۋ ناۋار، ل. بودار، د. جىرنانداي، ف. ترىستان، مارگارىتا دۇلا قاتارلىقلار1979 −1984 - يىللاردا بۇ مۇكاپاتنى ئالغان.