جۇڭگو ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
1982 - يىل3 - ئاينىڭ27 - كۈنى جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ماۋدۇن (شېن يەنبىڭ) بېيجىڭدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ كۆز يۇمۇش ئالدىدا250 مىڭ يۈەن پۇلىنى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئىئانە قىلىپ، رومان ئىجادىيىتىگە بېرىلىدىغان ئەدەبىيات مۇكاپاتى فوندى قىلىپ، ھەر يىلى مەملىكەت بويىچە ئەڭ نادىر رومانلارنى مۇكاپاتلاپ، جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ۋەسىيەت قىلدى.1982 - يىل4 - ئاينىڭ20 - كۈنى ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپات فوندى جەمئىيىتى بېيجىڭدا قۇرۇلۇپ، باجىن مۇدىر ئەزاسى بولدى.
ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى روماننى مۇكاپاتلاش بىلەن چەكلىنىدۇ.1982 - يىلى تۇنجى قېتىم ئالتە پارچە رومان مۇكاپاتلاندى. بۇلار گۇ خۇانىڭ «فۇرۇڭ بازىرى»، مو يىڭفېڭنىڭ «گېنېرالنىڭ نالىسى»، ياۋ شۆيىننىڭ «باھادىر شاھ لى زىچېڭ» (2 - توم)، جۇ كېجىننىڭ «شۈي ماۋ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى»، لى گوۋېننىڭ «قىشتىكى باھار» قاتارلىقلار.2 - قېتىملىق ماۋدون ئەدەبىيات مۇكاپاتى1985 - يىلى تارقىتىلدى، مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر: لى جۈننىڭ «خۇاڭخې شەرققە ئاقماقتا»، جاڭ جيېنىڭ «ئېغىر قانات»، ليۇ شىنۋۇنىڭ «قوڭغۇراق راۋىقى».