دراۋېر - دۇممىل - بوراخېر دوكتورلۇق مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
بۇ بېلگىيە دۆلەت پەن تەتقىقات فوند جەمئىيىتى تەسىس قىلغـان ئىككى تـۈرلـۈك مۇكاپات بولۇپ، بىرى، فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدىغان ئالىملارغا، يەنە بىـرى گوللاند تىلىنى قوللىنىدىغان ئالىملارغا بېرىلىدۇ. بەش يىـلـدا بـىـر قـېـتـىـم تارقىتىلىدۇ، مۇكاپات سوممىسى750 مىڭ بېلـگـىـيـە فـرانــكـى بـولـۇپ، ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە خىمىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئالاھىدە ئۇتـۇق قـازانـغـان ئالىملارغا بېرىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى جەزمەن ئۈچ نەپەر ئالىم تەۋسىـيـە قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئاز دېگەندە ئىككىسى بېلگىيىلىك ئالىم بولۇشى كېرەك.