ئامېرىكا پەن مېدالى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
بۇ − ئامېرىكا نادىر پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىـنى تـەقـدىـرلـەش ئۈچـۈن تارقاتقان ئالىي مۇكاپات.1959 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تـەسـىـس قىلىنغان، ھەر يىلى بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتـى شـەخـسـەن ئۆزى تارقىتىدۇ. ھەر يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنـىـڭ سـانـى ۋە پـەنـلـەر مۇقىم بولمايدۇ، ئاساسەن، فىزىكا، جانـلـىـقلار ئىـلـمى، مـاتـېـمـاتـىـكـا ۋە قۇرۇلۇش ئىلمى ساھەسىدە زور مۇۋەپپەقىيەتـكـە ئېـرىـشـكـەن شـەخـسـلـەر مۇكاپاتلىنىدۇ. تۇنجى قېتىملىق مۇكاپـات1962 - يـىـلـى تـارقـىـتـىـلـغـان. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىم ۋە ئىـنـژېـنـېـرلار بـولۇپ،بۇ مۇكاپاتقا ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلاردىن ۋۇ جيەنشيۇڭ، چېن شېڭشېن، بېـي يۈمىڭ ئېرىشكەن.