جۇڭگو پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
دۆلەت دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىياتـى مـۇكـاپـاتـى ئارقـىـلـىـق، تەبىئىي پەن مۇكاپاتى ۋە كەشپىـيـات مـۇكـاپـاتـىـدىـن بـاشـقـا، ئاساسەن، تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتلىنىدۇ، بـىـرىـنـچـى، دۆلـەت ئىـچـىـدە تۇنجى ئىجاد قىلىنغان، مەزكۇر ساھەدە ئىلغار ۋە زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياكى ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان، سوتسىيالىسـتـىـك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قوللـىـنـىـلـغـان يـېـڭـى پـەن - تـېـخـنـىـكـا نەتىجىلىرى. ئىككىنچى، تەييار پـەن - تـېـخـنـىـكـا نـەتـىـجـىـلـىـرىـنـى ئومۇملاشتۇرۇش، ئۆتۈنۈش، قوللىنىش خىزمىتىدە ئىجادىي تۆھپە قوشـقـان ۋە زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياكى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغان نەتىـجـە. ئۈچىنچى، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى، چوڭ - چوڭ ئۈسكۈنىـلـەرنـى تـەتـقـىـق قىلىپ ياساش ۋە كارخانا تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىشتە يېڭى تېخنىـكـىلاردىـن پايدىلىنىپ، ئىجادىي تۆھپە قوشقان ۋە زور ئىقتـىـسـادىـي ئۈنـۈم يـاكـى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەن پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرى. تۆتىنـچـى، پـەن - تېخنىكا باشقۇرۇش ۋە ئۆلچەم، ئۆلچەش، پەن - تېخنىكا ئاخبـاراتـى قـاتـارلـىـق خىزمەتلەردە ئىجادىي تـۆھپـە قـوشـقـان ۋە ئالاھىـدە روشەن ئۈنـۈم ھاسىل قىلغان خىزمەت نەتىجىلىرى.
پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى1985 - يىلى تەسىس قىـلـىـنـغـان بولۇپ، ئاساسەن پەن - تېخنىكىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگـە ئايلانـدۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، پەن - تېخنىـكـا نـەتىـجىـلـىـرى ھەرگـىـزمـۇ پـەن - تـېـخـنـىـكـا تەرەققىياتىنىڭ بارلىق مەزمۇنى، ھەتتا ئاساسىي مەزمۇنى ئەمـەس. بـىـراق، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلغان تۈرلـەرنـىـڭ بـىـرلا ۋاقىتتا باشقا پەن - تېخنىكا مۇكاپاتلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىغا بولمايدۇ.
پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. گـۇۋاھنـامـە ۋە مېدال بېرىلگەندىن باشقا، مـۇكـاپـات پـۇلـىمۇ بـېـرىـلـىـدۇ. ئالاھىـدە تۆھپىسى بار تۈرلەرگە ،گوۋۇيۈەن تەستىـقـلـىـغـانـدىـن كـېـيـىـن، ئالاھىـدە دەرىجىلىك مۇكاپات بېرىشكە بولىدۇ.
پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپـاتـى، سـەۋىـيـىـسـى بـويـىـچـە، دۆلـەت دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە (مىنىستىر، كومىتېت) دەرىجىلىك دەپ ئىككى دەرىجىگە ئايرىـلـىـدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئىككىنچى دەرىجىدىن يۇقىرى مۇكاپاتـقـا ئېـرىـشـكـەن تۈرلەرگىلا دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، بۇ پـەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ تەبىئىي پـەن مـۇكـاپـاتـى ۋە كـەشـپـىـيـات مۇكاپاتىدىن پەرقلىنىدىغان بىر تەرىپى.1985
- يىلى تۇنجى قېتىم باھالانغان دۆلەت دەرىجىلىك پەن - تېخنىكـا تەرەققىيات مۇكاپاتى جەمئىي1761 تۈر بولۇپ، بۇنىـڭ ئىـچـىـدە ئالاھىـدە دەرىجىلىك مۇكاپات23 تۈر، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات135 تۈر.