UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارئانتونيو فېرتېنلى مۇكاپاتى

ئانتونيو فېرتېنلى مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار ئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئانتونيو فېرتېنلىنىڭ ۋەسىيىتى بويـىـچـە تەسىس قىلغان بىر قاتار خەلقئارالىق مۇكاپات ۋە دۆلەت مۇكاپاتى بـولـۇپ، خەلقئارا مۇكاپاتنى ئىتالىيىلىكلـەرگـە بـېـرىـشـكىـمـۇ، ھەرقـانـداق دۆلـەت كىشىلىرىگە بېرىشكىمۇ بولىدۇ.1950 - يىلى تۇنجى قېتىم تـارقـىـتـىـلـغان، شۇنىڭدىن كېيىن يىلدا بىر قېتىم تارقىتـىـلغان، مـۇكـاپـات سـومـمـىـسـى ئوخشاش ئەمەس. بۇ مۇكاپات تۆۋەندىكى ساھەلەردە مەلـۇم نـەتـىـجە قـازانـغـۇچـىلارغـا بېرىلىدۇ: ئېتىكا ئىلمى ۋە تارىخ ئىلمى؛ فىزىكا ئىلمى، ماتېماتىكا ۋە تەبىئىـي پەن؛ ئەدەبىيات؛ سەنئەت؛ مېدىتسىنا. بەزىـدە نـاھايىـتـى يـۇقـىـرى ئەخلاق سەۋىيىسىگە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قىممىتىگە ئىـگـە پـەۋقـۇلئاددە ئۇتۇقلارغىمۇ بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپاتنى ئىلتىماس قىلىشنىـڭ ھاجـىـتـى يـوق، نامزاتلارنى ئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەۋسىيە قىلىدۇ (ئەمما ئۆزىـنـى ئۆزى تەۋسىيە قىلىشقا بولمايدۇ)، ئىتالىيىدىكى باشقا ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسـلـىـرى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ، خەلقئارا مۇكاپاتنى چەت ئەللەردىكـى مـۇھىـم پـەنـلـەر ئاكادېمىيىلىرىنىڭ رەئىسلىرى تەۋسىيە قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار