ياپونىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
ياپونىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى1911 - يىلى تەسىس قىـلـغـان ئىـلـمـىـي مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى بولۇپ، جەمئىي توققۇز تۈرى بار، بۇنىڭ بەش تـۈرى سـاپ پەن ۋە ئۇلارنى ئەمەلىي قوللىنىش جەھەتتىكـى ئالاھـىـدە تـۆھپـىـلـەرگـە بېرىلىدۇ، تۆت تۈرى گۇمانىتار پەنلەر ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكـى نـادىـر مۇۋەپپەقىيەتلەرگـە بـېـرىـلـىـدۇ. بـۇ خـىـل ئايـرىـش يـاپـونـىـيـە پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىككى چوڭ شۆبىسىگە ماس كېلىدۇ. ئىككى چوڭ شۆبـىـنـىـڭ ھەربىر تۈرلۈك مۇكاپاتىنىڭ ھەربىر تۈرىدىن ئەڭ گەۋدىلـىـكـى تـالـلـىـنـىـپ، ئىمپېرىيە مۇكاپاتى دەپ ئاتىلىدۇ. پەنلەر ئاكادېمىيىسـى مـۇكـاپـاتـى بىر لەۋھە، بىر مېدال ۋە500 مىڭ يىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىمپېرىيە مۇكاپاتىدا مۇكاپات پۇلى ۋە لەۋھەدىن باشقـا يـەنـە جۈخۇار گۈلى چۈشۈرۈلـگـەن كـۈمـۈش لـوڭـقـا بـار. يـاپـونـىـيـە پـەنـلەر ئاكادېمىيىسى ھەر يىلى بىر قېتىم مۇكاپات تارقىتـىـدۇ. يـاپونـىـيـە پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئاكادېمىكلاردىن باشقا، ياپـونـىـيـىـدىـكـى بـارلـىـق ھايات ئالىملارنىڭ نامزات بولۇش سالاھىيىتى بار.