UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارفېرمى مۇكاپاتى

فېرمى مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى1954 - يىلى ئامېرىكا تەۋەلـىـكـىـدىـكـى مـەشـھـۇر ئىتالىيىلىك فىزىك ئېنرىك فېرمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسىـس قـىـلـغـان خەلقئارا مۇكاپات بولۇپ، ئاتوم ئېنېرگىـيـىـسـىـنـى ئېـچـىـش، پايدىلىنىش ياكى تىزگىنلەش جەھەتلىرىدە قولغا كەلـتـۈرۈلـگـەن ئالاھىـدە ئىلىم - پەن ۋە تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە بېرىلىدۇ. فېرمى مۇكاپاتى25 مىڭ دوللار مۇكاپات سوممىـسـى، بىر دانە ئالتۇن مېدال ۋە بىر لەۋھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگـەر مـۇكـاپـاتـقـا ئېرىشكۈچى بىرلا ئادەم بىلەن چەكلىنىپ قالمىسا، ئۇلار50 مىـڭ دوللاردىـن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. نامزاتلارنـى ئامېـرىـكـا مـەمـلـىـكـەتـلـىـك پـەنـلـەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پەن - تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسئۇللىـرى، مەخسۇس بىلىم ماھارىتىگە ئىگە شەخسلەر (چەت ئەل ھۆكۈمەتـلـىـرىـنـىـڭ ئىلىم - پەن ئەلچى ئۆمەكلىرىنىڭ مـەسئۇلـلـىـرىـنـى ئۆز ئىـچـىـگـە ئالـىـدۇ) قاتارلىقلار كۆرسىتىدۇ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنـى ئامـېـرىـكـا پــرېزىدېـنـتـى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاتوم ئېنېرگىيىسى كومىتـېـتـى مـۇكـاپـات تارقىتىدۇ. فېرمى مۇكاپاتى يەككە تۈردىكى نەتىجىلەرگە بېرىلمەيدۇ، بەلكـى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىـكـى تـۆھپىـسـىـگـە بـېـرىـلـىـدۇ. فېرمىنىڭ ئۆزىمۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى تۇنجى قېتىم تارقىـتـىـلـغـان فېرمى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار