ئەنگلىيە بۇك رومان مۇكاپاتى
دۇنيادىكى مۇكاپاتلار
بۇ، ئەنگلىيىنىڭ ئاساسىي ئەدىبىيات مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يىللىق مۇكاپات بولۇپ،1975 - يىلى بۇك ماككوننېل ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ ياردىمى بىلەن تەسىس قىلىنغان، ئەنگلىيە مەملىكەتلىك كۇتۇپخانا ئىلمىي جەمئىيىتى تارقىتىدۇ، شۇ يىلى ئېلان قىلىنغان ئەڭ نادىر رومان مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپاتلىنىدىغانلار ئىنگلاند، ئېرىلاندىيە، ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا رايونىدىكى يازغۇچىلار بىلەن چەكلىنىدۇ. نەشرىيات سودىگەرلىرى شۇ يىلى (1 - ئايدىن11 - ئايغىچە نەشر قىلىنغان رومانلاردىن بىر تۈركۈمىنى تاللاپ، كىتاب تىزىملىكىنى كومىتېتقا سۇنىدۇ) كومىتېت مۇكاپاتلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ زور بەزى ئەسەرلەرنىڭ نامىنى ئېلان قىلىدۇ، قاتتىق تاللاشتىن كېيىن11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، بۇ مۇكاپاتنىڭ سوممىسى دەسلەپتە5 مىڭ فوندستېرلىڭ ئىدى،1978 - يىلىدىن باشلاپ10 مىڭ فوندستېرلىڭغا كۆتۈرۈلدى.