UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مۇكاپاتلارگېرتى ياۋايى ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش مۇكاپاتى

گېرتى ياۋايى ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش مۇكاپاتى

دۇنيادىكى مۇكاپاتلار 1974 - يىلى دۇنيا ياۋايى ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەرنـى قـوغـداش فـونـد جەمئىيىتى ياۋايى ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش جـەھەتـتـە گـەۋدىـلـىـك تـۆھپـە قوشقان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن تەسىس قىلغان، بـۇ خىل تۆھپە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا خەلقئارالىق تەسىر پەيـدا قـىـلـغـان بولۇشى كېرەك. دۇنيا ياۋايى ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەرنى قوغـداش فـونـدىـنـى پاۋلو گېرتى ھەدىيە قىلغان. مۇكـاپـات سـومـمـىـسـى50 مـىـڭ دوللار. يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، خەلقئارا مۇكاپات باھالاش كومىتـېـتـى باھالايدۇ، مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشتىكى مـەقـسـەت، مـۇكـاپـات ئارقـىـلـىـق ئاممىنىڭ ياۋايى ھايۋان - ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىغا بولـغـان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مۇكاپاتلار