بېدجالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بېدجالار <بېجالار>، <بېزالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېدجالار سۇداندا ياشىغۇچىى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 5.93 پىرسەنتى سۇداننىڭ شەرقىي شىمالى يەنى نىل دەرياسىنىڭ شەرقىدىن تارتىپ قىزىل دېڭىزغىچە بولغان نۇبىيە قۇملۇقى (1 مىليون 100 مىڭ) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى مىسىر، ئېفىئوپىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 390 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، سۇدان ئاھالىسىنىڭ 6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
بېدجالار ئاق تەنلىكلەر بىلەن نېگىر ئارىلاشما قان سىستېمىسىغا ئىگە ئېفىئوپىيە ئىرقىغا كىرىدۇ، ئۇلار ئەسلى قۇشتلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۆز ئىچىدىن ئابابدې، ئامارار، بەنى ئامېر، خادېندوۋا ۋە بوگو قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
بېدجالار سام - ھام تىللىرى سىسىتېمسى قۇشىت تىللىرى گۇرپپىسىغا تەۋە بېدجا تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەبچىنى بىلىدۇ، بېدجالارنىڭ جەنۇبىي تارمىقى - بەنى ئامېرلار تېگىرى تىلىدا سۆزلىشىدۇ.
بېدجالار ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
بېدجالار كۆچمەن چارۋىچىلىق قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسەن كالا، قوي، ئۆچكە، تۆگە بېقىلىدۇ،قارا چېدىرلاردا ئولتۇرىدۇ، دېھقانچىلىقتا كۆممىقوناق، سۇلۇ تېرىلىدۇ.
بېدجالاردا قەبىلىداشلىق تۈزۈمى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قەبىلە ئاقساقىلى زور ھوقۇققا ئىگە.
بېدجالارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى ۋە باشقا ئۆرپ - ئادەتلىرى ئەرەبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بېدجالاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا يول قويۇلىدۇ، ئوغۇل - قىز بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش مۇراسىمى ۋە سۈننەت تويى ئۆتكۈزىلىدۇ.
بېدجالاردا ئاياللار ھەممىدە ھۈرمەتكە سازاۋەر ھەم ھۆكۈمران بولۇپ، قەبىلىلەر ئارا يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق جېدەل - ماجرالار ئۈستىگە ئايال كېلىش ئارا يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق جېدەل - ماجرالار ئۈستىگە ئايال كېلىش بىلەنلا بېسىقىپ قالىدۇ، ئائىلە نەسەبىمۇ ئانا تەرەپتىن ھېسابلىنىدۇ، مال - مۈلۈككە ۋارسلىق قىلىش ھوقۇقى قىز بالىغا تەۋە بولىدۇ، بېدجا ئاياللىرى ئەمگەكچان كېلىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ يۈكسەك نوپۇزلۇق ئورۇندا تۇرىدۇ.
بېدجالار قەيسەر كېلىدۇ، ئۇلار يېقىنقى زامان تارىخىدا ئەنگىلىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، سۇداننىڭ مۇستەقىللىقىگە ھەسسە قوشقان.
بېدجالاردا بارلىق ئەرلەر بېلىگە شەمشەر ئېسىپ يۈرىيدۇ، كېچىسى ئۇنى بېشىنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئۇخلايدۇ.