لانكا ماۋرىلىرى
دۇنيادىكى مىللەتلەر
لانكا ماۋرىلىرى <سىرلانكا ماۋرىلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاھالىلىرى سىرلانكىنىڭ شەرقىي دېڭىز بويى ۋە باشقا دېڭىز بويىدىكى شەھەر ۋە يېزىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 100 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 7 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
ماۋرىلار ئادەتتە لانكا ماۋرىلىرى ۋە ھىندىستان ماۋرىلىرى دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ. لانكا ماۋرىلىرى Ⅷ ئەسىردىن كېيىن سەيلۇن ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەن ئەرەبلەر بىلەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نىكاھلىشىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە سېنىھال تىلىدا سۆزلىشىدۇ؛ ھىندىستان ئاھالىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار دراۋېد تىللىرى سىستېمىسى ئاھالىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار دراۋېد تىللىرى سىستېمىسى جەنۇبىي تىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە تامىل تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ماۋرىلارنىڭ ھەننىۋاسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەبلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن.
ماۋرىلار ئاساسەن سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بەزىلىرى بېلىقچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ماۋرىلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، ھېيت - بايرام، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.