UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربەيزۇلار

بەيزۇلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بەيزۇلار ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئاساسەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاز قىسمى گۈيجۇ، سىچۈەن ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىنىڭ بەزى رايونلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليون 594 مىڭ. بەيزۇلار خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بېرما تىللىرى گۇرۇپپىسى يىزۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە بەيزۇ تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. مىللىي يېزىقى يوق. بەيزۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىپتىدائىي كۆپ خۇدالىق دىنغا، بىر قىسمى بۇددا دىنى، خرستىئان دىنى ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى (90 پىرسەنتىن كۆپرەكى) دېھقانچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق، قول ھۆنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى ئەتراپىدىكى رايونلىرى بىلەن ئوخشاش ، يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مايلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. بەيزۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن ئېرخەي رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان چياڭلار بىلەن دالى رايونىدا ياشىغۇچى بەيمەنلەر ئىدى. ئۇلار ئۇزاق ۋاقىت ئۆزئارا سىڭىشىشنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئاخىرى مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. بەيزۇلارنىڭ دېھقانچىلىق رايونىدىدىكىلىرى گۈرۈچ، بۇغداي قاتارلىق ئاشلىقلارنى، تاغلىق رايوندىكىلىرى قوناق، قارا بۇغداي قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ. بەيزۇلار چۈچۈمەل، سوغاق، ئاچچىق - چۈچۈك يىمەكلىكلەرنى يېيشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەيزۇلار بۇرۇن مېيىتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلاتتى، ھازىر ساندۇققا سېلىپ كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ، بىراق ھەر قايسى جايلاردا ئولتۇراقلاشقان بەيزۇلارنىڭ دەپنە قائىدە - يوسۇنلىرى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بەيزۇلارنىڭ گۈل تەشتەكتىن ئاتلاش، باۋاڭ قامچىسى (باتۇرلۇق قامچىسى) ئۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىق مىللىي تەنتەربىيە ئويۇنى ۋە مۇسابىقىلىرى بار.بەيزۇ خەلقىنىڭ ئاساسلىق مىللىي دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايرىمى - مەشئەل بايرىمى ۋە شەپقەتلىك مەبۇد بايرىمى، گۈل بەزمىسى، چاغان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بەيزۇلار <6> رەقەمنى بەخىت - تەلەي، خەيرلىك سان دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا توي - تۆكۈن، تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلەش قاتارلىق مەرىكىلىرىدە ئۆزئارا سوۋغا - سالام بەرگەندە <6> ساننى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەسىلەن: تويلۇق ئۈچۈن 60 يۈەن، 160 يۈەن، 260 يۈەن بەرسە قوبۇل قىلىدۇ. ناۋادا 200 يۈەن، 300 يۈەن بېرىلسە قوبۇل قىلمايدۇ. بەيزۇلار ئاق رەڭنى ساپ، مۇلايىم - ئاقكۆڭۈللۈك، قەيسەرلىكنىڭ سىمۋولى دەپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەر - ئاياللىرى كۆپىنچە ئاق رەڭلىك كىيىم - كېچەك كېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بەيزۇلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا باي كېلىدۇ. بەيزۇ خەلقىنىڭ مىللىي ئېپوسسىن <ئەلمىساق> قوشاقلىرى، داستانلىرىدىن <قارا قىز>،<شگوتا> قاتارلىقلار مەشھۇر بولۇپ، بەيزۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىيات خەزىنىسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەيزۇلار قەمەرىيە 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى گۆش ۋە گۆشلۈك غىزا يېمەيدۇ، تىغمۇ تۇتمايدۇ، ئۆي ۋە ھويلىسىغا سۇ سەپمەيدۇ، 1 - ئاينىڭ 16 - كۈنىگىچە ئەرلىرى چاچ - ساقال ئالدۇرمايدۇ، يۈز - كۆزىنىمۇ يۇيمايدۇ، ئادەتتە زاۋال ۋاقتىدا ۋە ئۆيدە مېھمان بار چاغدا يەر سۈپۈرمەيدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا ئۆي سۈپۈرسە مېھماننى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقارغانلىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بەيزۇلار قارىلىق تۇتقان كىشلەرنىڭ توي - تۆكۈن بولغان ئۆيگە كىرىشىنى يامان كۆرىدۇ. بەيزۇلار ھەر ئاينىڭ بىرىنچى ياكى ئىككىنچى كۈنىدىن باشقا چاغلاردا ئوچاق سالمايدۇ. ئاياللار ئەرلىرىنىڭ تاشلاپ قويغان كىيىم - كېچەك ۋە ئەپكەش قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتمەيدۇ. مەشئەل بايرىمى كۈنى كۈيئوغۇللىرىنىڭ كېلىشىنى يامان كۆرىدۇ.بەيزۇلار گۈل - گىياھ ئۆستۈرۈشكە ھېرىسمان كېلىدۇ. بەيزۇلار ئۇچار - قاناتلارنى قەدىرلەيدۇ؛ ئادەتتە ئۆيلىرىدە قۇش باقىدۇ. ھەتتا قەمەرىيە 11 - ئايدا، يۈننەندىكى بەيزۇلار قۇشلارغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىرىنى پەسىللىك قۇشلارغا بېرىپ ئۇلارنى ئىسسىق بەلباغلارغا ئۇزىتىپ قويىدۇ، قايتىپ كەلگەندىمۇ قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. بەيزۇلار ئۆزگىچە كالېندارغا ئىگە مىللەت. ئۇلار بىر يىلنى 13 ئايغا بۆلۈپ، 13 -، 2 - ئاينى دەم ئېلىش ئېيى دەپ ئاتايدۇ، ئۇنىڭ كۈن سانىنى ئېنىق بەلگىلىمەيدۇ، قالغان ئايلارنى ئومۇمەن 30 كۈن ھېسابلايدۇ. بەيزۇلار شۇ بويىچە كالا يىللىق يىگىتلەر بىلەن قوي يىللىق قىزلار نىكاھلانمايدۇ، كالا، قوي كۈنلىرى توي - تۆكۈن قىلمايدۇ، سەپەرگە چىقمايدۇ. بەيزۇلار تاغ چېيى دەرىخىنىڭ چېچىكىنى سەمىمىي ساداقەتلىك ۋە ۋاپادارلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەيزۇلار ھويلا - ئاراملىرىنىڭ ئەتراپىغا تاغ چېيى كۆچىتى تىكىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
بەيزۇلار | UyghurWiki | UyghurWiki