UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرچاگالار

چاگالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر چاگالار تانزانىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ۋاچاگالار>، <چاگگالار>، <باررېلار> قاتارلىق كۆپ خىل نام بىلەن ئاتىلىدۇ. ئاھالىسى پۈتۈنلەي تانزانىيىنىڭ كىلىمانجارو تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدە ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. چاگالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە چاگا تىلىنى قوللىنىدۇ، سىۋاھىلى تىلىنىمۇ بىلىدۇ. چاگالارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىلىرى ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا ئاساسەن قەھۋە ئۆستۈرىلىدۇ. چاگالار ئوتتۇرا ئەسىردە كامبا، تەتيا، ماساي قاتارلىق كۆچمەن قوۋملىرىنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىدىن پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. چاگالاردا ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلاپ، مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، ياش قورامى بويىچە گۇرۇپپىغا ئۇيۇشۇش، يىگىت - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش قاتارلىق ئادەتلىرى بار؛ چاگالار ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە قۇشتىلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
چاگالار | UyghurWiki | UyghurWiki