UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمالايلار

مالايلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر مالايلار دېگەن بۇ نام مىللەتشۇناسلىق ئىلىمىدە ئىككى خىل مەنىدە قوللىنىلىدۇ؛ (1) مالايلار كەڭ مەنىدە، تىنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكيان ئارىلىقىدىكى مالاي تاقىم ئاراللىرى ئەللىرىدە ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ئىرقى جەھەتتە موڭغۇل ئىرقىنىڭ مالاي تىپىغا كىرىدۇ، جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىللارنى قوللىنىدۇ. مالايلار كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى توغرىسىدا تېخى ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىلمىدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇنداق دەپ قارايدۇ: مالايلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى بۇنىڭدىن تەخمىنەن 5 مىڭ يىللار ئىلگىتى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن جەنۇبقا قاراپ پەيدىنپەي سۈرۈلۈپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەن، ئاندىن مالايا يېرىم ئارىلى (بەزىلەر ئاندامان تاقىم ئاراللىرى دەيدۇ) ئارقىلىق سۇماترا ئارىلىغا كەلگەن، ئۇ يەردىن شەرققە قاراپ ياۋا، كالىمانتان، سۇلاۋېسى ۋە فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىغا تارالغان ھەتتا غەربتە ماداگاسكار ئاراللىرىغىچە يېتىپ بارغان، بۇ خىل كۆچۈش نەچچە مىڭ يىل داۋام قىلغان. ئۇلارنىڭ كۆچۈش ۋاقتىغا قاراپ ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ: يەنى ئىپتىدائىي مالايلار (بۇ قەدىمكى مالايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن يېڭى مالايلاردىن ئىبارەت. (2) مالايلار تار مەنىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالايسىيا مالايلىرى (نوپۇسى 8 مىليون 930 مىڭ بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 72 پىرسەنتى مالايسىيىدە، 20 پىرسەنتى تارلاندقا ئولتۇراقلاشقان) ۋە ھىندونېزىيە مالايلىرى (نوپۇسى 8 مىليون 888 مىڭ بولۇپ، 99 پىرسەنتى ھىندونېزىيىدە ئولتۇراقلاشقان) نى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە تايلاند (1 مىليون 500 مىڭ)، سىنگاپور (360 مىڭ)، سىرلانكا، بىرۇنېي قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار مالايسىيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 57 پىرسەنتىنى، بىرۇنېي نوپۇسىنىڭ 65 پىرسەنتىنى، ھىندونېزىيە نوپۇسىنىڭ 9.2 پىرسەنتىنى، سىنگاپور نوپۇسىنىڭ 15 پىرسەنتىنى، تايلاند نوپۇسىنىڭ 4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 18 مىليوندىن كۆپرەك كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى مالايلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، تارىخ تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزئارا پەرق قىلىدىغان ئۆزگىچە مىللىي ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. مالايسىيا مالايلىرى ئاساسەن مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى ۋە ساراۋاك، سابالا شىتاتىغا ئولتۇراقلاشقان، مالايسىيا مالايلىرى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 57 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. مالايسىيا مالايلىرى جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مالاي تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، ھازىر لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىققا ئۆزگەرتكەن، ئاھالىلىرى ئېنگىلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ. مالايسىيا مالايلىرى ئەسلىدە ھىندى دىنى بىلەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. ⅩⅤ ئەسىردىن تارتىپ، ئاھالىنىڭ كۆپى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان، ئاز بىر قىسمى خرستىئان دىنى بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مالايسىيا مالايلىرى ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شال، كاۋچۇك، قەھۋە، بانان، كۇكۇس، مايلىق پالما ۋە كۆكتات قاتارلىق ئىسسىق بەلباغ ئىقتىسادىي زىرائەتلىرىنى ئۆستۈرىدۇ، ئاھالىنىڭ بىر قىسمى كانچىلىق سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئىجتىمائي - ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان. مالايسىيا مالايلىرى تەركىبىگە خەنزۇ، ھىندىلار، تايلاندلىقلار ۋە ئەرەبلەرنىڭ قان سىستېمىسى ئارىلاشقان بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. مالايلاردا مەۋلۇد، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە باھار بايرىمى قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملار بار. مالايلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرى بىر قەدەر كۆپ، مالايلار چوشقا، ئىت گۆشى ۋە پاقا گۆشى، ئۆدەك قاتارلىق قوش ماكانلىق (ھەم سۇدا ھەم قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان جانىۋارلار) ھايۋانلارنىڭ گۆشى، گۆشخور ھايۋانلار ۋە يىلانغا ئوخشاش سۆرىلىپ ماڭىدىغان ھەمدە قاسراقلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ، ھاراق ئىچمەيدۇ، ھاراقنى سوۋغات قىلىشنى يامان كۆرىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى چوشقا، ئىت دەپ تىللىشىغا يول قويمايدۇ. مالايلار بىگىز بارماق بىلەن ئادەم ۋە نەرسىلەرنى كۆرسەتمەيدۇ، سول قولى بىلەن سوۋغات بەرمەيدۇ ھەم ئالمايدۇ، ھەمدە بالىلارنىڭ بېشىغا ۋە دولىسىغا ئۇرۇشنى ئېغىر ئالىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئادەمنىڭ بېشى بىلەن دولىسىنى مۇقەددەس ھېسابلايدۇ. مالايلار ئادەتتە ئۆيگە ئايغىنى سېلىپ، ئوڭ پۇتى بىلەن بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىدۇ، بوسۇغىدا ئولتۇرۇشنى يامان كۆرىدۇ. مالايلار مۇسىبەت كۈنى يىغلاشنى يامان كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار كۆز يېشى ۋە يىغا ئاۋازى مەرھۇمغا بەختسىزلىك ۋە گۇناھ ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. مالايلار كىشىنىڭ باش قىسمى بىلەن دۈمبە قىسمنى مۇقەددەس، روھنىڭ ماكانى دەپ قارايدۇ. ھەر قانداق ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ بېشى بىلەن دۈمبىسىنى تۇتۇشىنى ياكى سىلىشنى يامان كۆرىدۇ، بۇ خىل ھەرىكەتنى كىشلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۈز قىلغانلىق ۋە كىشىنى ھاقارەتلىگەنلىك دەپ قارايدۇ. مالايلار جۈپ ساننى يامان كۆرىدۇ، شۇڭا مالايلار ھەپتىنىڭ جۈپ كۈنلىرى توي - تۆكۈن قىلمايدۇ، توي مەرىكىسىگە قاتنىشىدىغان كىشلەرنىڭ سانى ۋە تويلۇق مال، سوۋغاتلارمۇ تاق سان بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مالايلار بولۇپمۇ مالايسىيىنىڭ بىر قىسىم ئاھالىلىرى (ئىبانلار) كەركىدان قۇشىنى ئۇلۇغلاپ ئۇنى، بەخت، ئۈمىد، خەير - ساخاۋەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ھەر يىلى مايسا كۆچۈرۈش، ھوسۇل يىغىش قاتارلىق دېھقانچىلىقنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە كەركىدان قۇش ئىلاھىغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىش نەزىر - چىراغ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ تۇرىدۇ. بۇ خىل مۇراسىم تەنتەنىلىك بولۇپ، بارلىق قەبىلە - قوۋم ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ھېيتلىق كىيىملىرىنى كېيىپ قاتنىشىدۇ. ئىبانلار بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالسا، كەركىدان قۇشىغا ئىلتىجا قىلىپ، مەغپىرەت تىلەپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ. قىسقىسى، ئۇلار ئۆزىنىڭ بارلىق بەخت، ئۈمىد - ئارزۇلىرىنى پۈتۈنلەي كەركىدان قۇش ئىلاھىغا بېغىشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر