UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەردۇرانىنلار

دۇرانىنلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر دۇرانىنلار <ئابداللار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاففانىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، پۇشتۇلار (ئاففانلار) نىڭ مۇھىم بىر تارمىقى. دۇرانىنلار ئاساسەن ئاففانىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قەندەھار، ھېرات، پارس ئۆلكىسى بىلەن كابۇلنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، باراقساي، زىراق، پەنجىپاي قاتارلىق قەبىلىلەرگە بۆلۈنىدۇ. نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ. دۇرانىنلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - پامىر تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە پۇشتون تىلى دۇراننىي دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. دۇرانىنلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دۇرانىنلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى پۇستۇلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاففانىستان تارىخىدا زور رول ئوينىغان. دۇرانىنلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ھېيت - ئايەملىرى ئاففانلار (پۇشتۇلار) بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
دۇرانىنلار | UyghurWiki | UyghurWiki