مورولار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
مورولار فىلىپپىندىكى مۇسۇلمان مىللەتلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن فىلىپپىن ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سۇلۇ تاقىم ئاراللىرى، مىندانائو ئارىلى ۋە پالاۋان ئارىلى قاتارلىق جايلارغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليون بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
مورولار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ. ئۇلارد سۇلۇ، سامال، لاناۋ (ماراناۋ)، ماگۇنداناۋ، ياكان ۋە سانگىل قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ.
مورۇلار جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كۆپ خىل تىللاردا سۆزلىشىدۇ، ئەرەب ئېلىپبەسىنى قوللىنىدۇ.
مورولار ئاساسەن ⅩⅣ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مالايلىقلار بىلەن يەرلىكلەرنىڭ ئارىلىشىشىدىن شەكىللەنگەن ئارىلاشما قانلىق مىللەتلەر گۇرۇھىدۇر.
مورولار ⅩⅤ ئەسىردە سۇلۇ ۋە ماگۇنداناۋ سۇلتانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت قۇرغان. مورولار شانلىق كۈرەش ئەنئەنسىگە ئىگە مىللەت.
مورولار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ. مورولار جەمئىيتى ۋارىسلىق قىلىنىدىغان ئاقسۆڭەكلەر، ھۆرلەر ۋە قۇللاردىن ئىبارەت ئۈچ تەبىقىگە بۆلۈنىدۇ. تەبىقىلەر ئارا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئاقسۆڭەكلەر ئىچىدە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئاياللاردا ۋارسلىق ھوقۇقى بولىدۇ.
مورولارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.