راجاستانىلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
راجاستانىلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 2.98 پىرسەنتى راجاستان شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا راجاستانغا قوشنا شىتاتلاردا ۋە پاكىستاندىمۇ بىر قىسىم راجاستانىلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 16 مىليون 300 مىڭ.
راجاستانىلار ياۋروپا ئىرقى ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە راجاستان تىلىنى قوللىنىدۇ، سانسىكرىت ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
راجاستانىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز قىسمى ئىسلام دىنى، سىك دىنى، جائىنىزم دىنى ياكى خرستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
راجاستانىلار ئىچىدە ئالىي تائىپە <راجپۇتلار> دەپ ئاتىلىدۇ. راجىپۇتلار (<خان جەمەتى> دېگەن مەنىدە) دىن باشقا بىراخمان، كىدېل، سالان (پاتى)، گايسىت ۋە ماھاكىن قاتارلىق تائىپىلەرگە بۆلۈنىدۇ؛ راجىپۇتلاردىن باشقا تائىپىلەر دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ ماھاكىنلاr سودا - سانائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ساھاسىدە خېلى تەسىرگە ئىگە بولۇپ، كالكوتتا شەھىرى ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. كالكوتتادىكى تۇرار - جاي ۋە سودا ئىشلىرىنىڭ تېڭىدىن تولىسى ھېلىمۇ ماھاكىنلارنىڭ ئىلكىدە بولۇپ كەلمەكتە، راجاستانىلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىگى تەرەققىي قىلغان بولۇپ ئۇلار مېتال ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى، گىلەم، فارفۇر قاچىلار، سۆڭەك ئويمىكارلىقى بىلەن داڭ چىقارغان.
راجاستانىلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، ئەرلىرى ئۇچىسىغا ئاق كۆڭلەك بىلەن جىلىتكە كېيىدۇ، بېشىنى ياغلىق بىلنە ئورىۋالىدۇ، ئۇلاrنىڭ بېشىغا ئورۇۋالغان ياغلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ بېشىغا ئورۇۋالغان ياغلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ قايسى يەرلىك ۋە قايسى تائىپىدىن ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.
راجستانىلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىغا بىر تىكەنلىك ئۆسۈملۈكنى چىت (قاشا) ئورنىدا تېرىپ ئۆستۈرىدۇ. ئاياللىرى بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقىدىن بىر خىل بۇياق چىقىرىپ ئۇنى ئالقىنىغا خىلمۇ - خىل گۈل قىلىپ سىزىۋالىدۇ، بۇ ئاياللارنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.
راجاستانىلار خەلق ناخشا - ئۇسسۇللىرىغا ماھىر كېلىدۇ.
راجاستانىلار چاشقاننى مۇقەددەس ئىلاھنىڭ ئەلچىسى دەپ قاراپ ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ، شۇڭا كىشىلەر چاشقاننى ئالاھىدە قوغدايدۇ، ئۇنى تۇتۇشنى ۋە ئۆلتۈرۈشنى قاتتىق مەنئىي قىلىدۇ.