بودولار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بودولار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن ئاسسام، مېگالايا شىتاتلىرى بىلەن بېنگال جۇمھۇرىيتىدە تارقاق ئولتىراقلاشقان، ئومۇمى نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك.
بودۇلار موڭغۇل ئىرقى جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ؛ خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى تىبەت - بىرما تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بودوتىلىنى قوللىنىدۇ.
بودولار كاچارى، گادۇ، رابا، مەچە قاتارلىق قەبىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر قايسى قەبىلىلەرنىڭ ئىگىلىك تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە مەدەنىيىتى ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ، مەسلەن، گادۇ قەبىلىسى ماترىئارخاللىق (ئانا جەمەت) تۈزۈمىنى ساقلاپ كەلگەن بودولارنىڭ ئەجدادلىرى ئەسلىدە چاڭجىياڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى رايونلاردا ياشاپ، قەدىمكى زاماندا چارۋا ماللارغا ئەگىشىپ ھىندىستاننىڭ ئاسسام قاتارلىق جايلىرىغا كۆچۈپ كەلگەن، ئۇلار يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئارىلىشىش جەريانىدا ھىندىستاننىڭ ئىجتمائىي دىنى قاراشلىرىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادەتلەرگە ئىگە بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.