UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرنۇئېرلار

نۇئېرلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر نۇئېرلار ئۆزلىرىنى <توگلار>، <نائاسلار> دەپمۇ ئاتايدۇ، نۇئېرلار سۇداندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 6.92 پىرسەنتى سۇداننىڭ ئاقنىل دەرياسى بىلەن سۇبات دەرياسى ئارىلىقىدىكى رايونلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئاز بىر قىسمى ئېفىئوپىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 118 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. نۇئېرلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نۇئېرلار نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمىسى شارى - نىلۇت تىللىرى گۇرۇپپىسى شەرقىي سۇدان تىللىرى تارمىقىغا تەۋە نۇئېرتىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق. نۇئېرلار دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق، قوشۇمچە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. نۇئېرلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى نىلوتلار بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ، ئاتا جەمەت ئائىلىنى ئاساس قىلغان فېئودال پاترىئارخاللىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن، يىگىت - قىزلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بالاغەتكە يېتىش مەرىكىسى ئۆتكۈزىدۇ، مال - مۈلۈككە ئاتا جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىدۇ، نۇئېرلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئاياللىرى ئايرىم - ئايرىم ھۇجرىدا ئولتۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر