UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرگايتىلار

گايتىلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر گايتىلار (ھايتىلار) <گايتىئانلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گايتىلار گايتىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت، ئاھالىسىنىڭ 93 پىرسەنتى گايتى جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 6 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دومىنىكا، ئامېرىكا، كۇبا قاتارلىق ئەللەردىمۇ بىر قىسىم گايتىلار بار. گايتىلار نېگىر قان سسىتېمىسى ئاساس قىلغان شالغۇت ئىرققا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كىلىئول تىلى (كىلىئول تىلى فرانسۇز تىلى بىلەن ئافرىقا نېگىرلىرىنىڭ ئارىلاش بىر خىل تىلىنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن فرانسۇز تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. گايتىلار كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. گايتىلارنىڭ 80 پىرسەنتى ئاھالىسى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاساسەن قەھۋە، كاكاۋئو، كېۋەز، شال ۋە كەندىر تېرىلىدۇ. گايتلىقلارنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە تۇرار - جاي، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىكى ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. گايتىلارنىڭ يېڭى يىل، پاسخا، روژدېستۋو، شادلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بار. گايتىلاردا كالتەك توپى، ئات بەيگىسى ۋە خوراز سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىر قەدەر ئومۇملاشقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر