UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئامېرىكانلار

ئامېرىكانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) ئامېرىكانلار ئامېرىكىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتى ئامېرىكىدا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 185 مىليون، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ 4.78 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا كانادا، مېكسىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە 1 مىليون 200 مىڭدىن كۆپرەك ئامېرىكان تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئامېرىكانلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى گېرمان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىنگىلىز تىلىنىڭ يەتتە خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ ۋە ئىنگلىز يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ئامېرىكانلار ئاھالىسىنىڭ كۆپى خرىستىئان دىنى پروتېستانتىزمىغا، ئاز بىر قىسمى كاتولىك دىنى ياكى پىراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئامېرىكانلار ئاساسەن سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقى زامانىۋىلاشقان بولۇپ، بۇغداي، كۆممىقوناق، پۇرچاق، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. ئامېرىكانلار گۆش، بېلىق، كۆكتات قاتارلىقلارنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ، ئاشلىقنى قوشۇمچە ئىستېمال قىلىدۇ. ئامېركانلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، ئومۇمەن ئۇلار كېيىشكە ئانچە ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ھەتتا كاتتا باي - دۆلەتمەن كىشلەرمۇ ئەرزان باھالىق كىيىم - كېچەكلەرنى كېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئومۇمەن جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كۆك ۋە كۈل رەڭ ياقىلىق كىيىم كېيىۋالىدۇ؛ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئاق ياقىلىق ۋە سېرىق ياقىلىق كىيىم كېيىۋالىدۇ؛ پىركازچىكلار ۋە مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىگۈچىلەر ھال رەڭ ۋە يېڭى ياقىلىق كىيىم كېيىۋالىدۇ، بۇ ئاساسەن خىزمەت كىيىمى بولۇپ، خىزمەتتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆزلىرى خالىغانچە كېيىنىپ يۈرۈۋېرىدۇ. ئامېرىكانلار شەپەرەڭنى شۇملۇق ئىلاھىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. ئامېرىكانلار ئومۇمەن ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئىستېمال قىلمايدۇ. ئامېرىكانلاردا ئۆيدە بىرەرسى قازا قىلسا يىغا - زارە قىلىشنى، ھەسرەت چېكىشنى ياقتۇرمايدۇ. (2) ئامېرىكىدا ياشىغۇچى ئاھالىلەرنىڭ نامى. نوپۇسى 263 مىليون 400 مىڭدىن كۆپرەك بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىن كەلگەن جەمئىي 100 دىن كۆپرەك مىللەت تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ياۋروپا ئىرقى، نېگىر ئىرقى ۋە موڭغۇل ئىرقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىرق بىلەن باشقا ھەر خىل ئىرقلارنىڭ ئارىلاشما تىپلىرىغا كىرىدۇ. ئامېرىكا ئاھالىسىنىڭ 188 مىليوندىن كۆپرەكى ئاقتەنلىكلەر بولۇپ، ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، 26 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەكى قارا تەنلىكلەر (نېگىرلار) بولۇپ، ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ 6.11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا 14 مىليون 600 مىڭ لاتىن ئامېرىكىلىق، 7 مىليوندەك مېكسىكىلىق، 5 مىليوندەك يەھۇدى، 3 مىليوندەك ئەرەب، 3 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك ئاسىيا ۋە ئوكېئانىيىلىك، 1 مىليون 400 مىڭدەك ئىندىئان قاتارلىقلار بار. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 8.2 پىرسەنتىلا يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئادەتتە ئىسسىق، كۆپ يانچۇقلۇق، كىر كۆتۈرۈشلۈك كىيىم - كېچەكلەرنى، يەنى ساغرا قىسمىنى قىسىپ تۇرىدىغان، ئېغى تار نيۇزەيكۇ (پادىچىلار ئىشتىنى) كېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ يىگىت - قىزلىرى توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئادۋۇكاتلار ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ <نىكاھ توختامى> تۈزىدۇ. ئۇنىڭ مەزمۇنىنى باشقا كىشلەردىن مەخپىي تۇتىدۇ، بۇ خىل توختام قانۇنىي ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ. ئامېرىكانلاردا يىگىت - قىز توي مەرىكىسى ئاددىي بولىدۇ. ئامېرىكانلار توي قىلغاندىن كېيىن بىر جۈپ ئەر - خوتۇن ھەر بىر يىلغا ئات قويۇپ ئۇنى خاتىرلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. مەسىلەن: بىرىنچى يىلى <قەغەز تويى>، ئىككىنچى يىلى <پاختا تويى> ۋە باشقىلار؛ 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئات قويۇپ خاتىرىلەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە <كۈمۇش تويى>، <ئالتۇن تويى> خاتىرىسى ئەڭ كاتتا خاتىرلىنىدۇ. ئامېرىكانلارنىڭ مېيتنى ئاساسەن كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ. ئادەتتە ئالاھىدە دەپنە مۇراسىم ۋە تەزىيە يىغىنلىرى ئۆتكۈزمەيدۇ. ئامېرىكانلارنىڭ ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ. ئامېرىكانلارنىڭ تەشەككۈر بايرىمى، روژدېستۋو بايرىمى، پاسخا بايرىمى ۋە يېڭى يىل بايرىمى قاتارلىق ئاساسلىق ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن باشقا، يەنە سايىنت پاترىك بايرىمى، قىزىلمۇچ بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، ئاتىلار بايرىمى، ئانىلار بايرىمى، كۆچەت تىكىش بايرىمى قاتارلىق مەھەللىۋى بايراملىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، 20 نەچچىگە يېتىدۇ. ئامېرىكانلارنىڭ تەشەككۇر بايرىمى ھەر يىلى نويابىر ئېيى 4 - ھەپتىسىنىڭ پەيشەنبە ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ بايرام ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ. ئامېرىكانلار شۇكۈنلىرى سۈرلەنگەن كۆركى توخو بىلەن كاۋا قىيىمىسىدىن قىلىنغان قاتلىما (قاتۇرماچ) قاتارلىق بايراملىق ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ. چېلىشىش، بوكىس (مۇشتلىشىش)، يۈگۈرۈش، ئات بەيگىسى، زەيتۇن توپ ئويناش، ئوقيا ئېتىش قاتارلىق تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئامېرىكانلارنىڭ پاسخا بايرىمى بىلەن روژدېستۋو بايرىمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان غەرب مىللەتلىرىنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشىشپ كېتىدۇ. قىزىلمۇچ (لازا) بايرىمى ئامېرىكانلارنىڭ ھەر يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا، يېڭى مېكسىكا شىتاتىنىڭ خاچ بازىرىدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، بۇ كۈنى تۈمەنلىگەن قىزىلمۇچ ھەۋەسكارلىرى ھەر قايسى جايلاردىن بۇ يەرگە جەم بولۇپ، قىزىلمۇچ ۋە قىزىلمۇچتىن ئىشلەنگەن خىلمۇ - خىل يېمەكلىكلەر يېيىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئامېرىكانلار قىزغىن، ئاقكۆڭۈل، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، پەم - پاراسەتلىك ۋە رېتىملىق كېلىدۇ، كىشلەر بىلەن ئاسان چىقىشىدۇ، ياسالمىلىق، چاكىنىلىق قىلمايدۇ، ئۆزئارا سۆھبەتلەشكەندە گەپنى بىۋاستە دەۋېرىدۇ. ئامېرىكانلار قائىدە - يوسۇن بىلەن ئۆزىنى چۈشەپ قويمايدۇ، شۇنداقتىمۇ خۇسۇسىي تۇرمۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى باشقىلارنىڭ سۈرۈشتە قىلىشىنى يامان كۆرىدۇ. ھەر كىم ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۈرمىتىنى ساقلايدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەنسىپىنى ئاتاپ چاقىرىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئامېرىكانلاردا ۋاقىت قارىشى، تۇرمۇش رېتىمى كۈچلۈك بولۇپ، كېچىكىشنى، بالدۇر قايتىشنى يامان كۆرىدۇ. قىمممەت قارىشى ۋە رىقابەت قارىشى كۈچلۈك بولۇپ، باشقىلارغا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى يامان كۆرىدۇ. ئامېرىكانلار تازلىققا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، كۈنىگە يۇيۇنۇپ كىيىم - كېچەكلىرىنى يەڭگۈشلەپ تۇرىدۇ، رەتلىك يۈرىدۇ، ئەمما مودا قوغلاشمايدۇ. ئامېرىكانلار دولانا گۈلى (ماي گۈلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى ئالاھىدە ئۇلۇغلاپ ئۇنى دۆلەت گۈلى دەپ ھېسابلايدۇ. ئامېرىكانلار ئاقباش دېڭىز بۈركۈتى (تازاقارا قۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن توشقاننى ئەتىۋارلاپ، بۈركۈتنى دۆلەت قۇشى، دەپ قارايدۇ. ئامېرىكانلارنىڭ بوكىس، ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى، كالتەك توپ، زەيتۇن توپ، چويلا توپ، بوكىسچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بار. ئامېرىكانلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن ئىسىم - فامىلىسىمۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۇقۇلۇش، يېزىلىش ئۇسۇلىنىڭ بەزىلىرى ئەسلىدىكى مىللىي ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ قالغان، بەزىلىرى ئىنگىلىزچىلاشتۇرۇلغان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكانلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، ئىنگلىزلارغا ئوخشاش ئۈچ بۆلەك - ئىسىم، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە فامىلىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭ تىزىلىشى ئىسىم ئالدىدا، فامىلىسى كەينىدە كېلىدۇ. ئىسىمنى ئاتىغاندا تولۇق ئاتىماي بىرىنچى ھەرىپىنى ئاتايدۇ، خېلى بىر قىسىم ئامېرىكانلار ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قوللانمايدۇ، ھەمدە <جەمەت> ياكى <پۇشتى> نىڭ نامىنى ئۆزىگە فامىلە قىلىدۇ. ئامېرىكانلار دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ئىشلىرى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان مىللەتلەرنىڭ بىرى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر