UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئاقسۇملار

ئاقسۇملار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئاقسۇملار <ئاكىسۇملار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئافرىقا تۇمشۇقى يەنى ھازىرقى ئېفىئوپىيىنىڭ تېگرې ئۆلكىسى ئەتراپىدا ياشىغان قەدىمكى مىللەت. ئاقسۇملار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىر ئەتراپىدا، ساملارنىڭ جەنۇبىي تارمىقىغا تەۋە سابالارنىڭ بىر قىسمى قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈپ ھازىرقى ئېفىئوپىيىنىڭ شەرقىي شىمالىي دېڭىز بويىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار كېيىن ئېفىئوپىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئېفىئوپىيە ئېگىزلىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا قاراپ كېڭەيگەن، مىلادى Ⅰ ئەسىرگە كەلگەندە، ئاقسۇم شەھىرىنى ئۆزىگە پايتەخت قىلىپ، ئاقسۇم پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان، بۇ پادىشاھلىقنىڭ ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنى <ئاقسۇملار> دەپ ئاتىغان. ئاقسۇملار قەدىمكى يۇنان، رىم، مىسىر، ئەرەبىستان ۋە ھىندىستان بىلەن سودا ئالاقە قىلىپ كەلگەن ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت ياراتقان. ئاقسۇملار Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە گۈللەنگەن. جۈملىدىن شۇ ۋاقىتتا خرىستىئان دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىگەن ھەمدە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن مەدەنىيەت، سودا ئالاقىسى ئورناتقان. ئاقسۇملار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق، قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئاقسۇملار Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە، تېگرايلار، تېگرېلار ۋە ئامخارالاردىن ئىبارەت ئۈچ تارماققا بۆلۈنۈپ كەتكەن. ⅩⅢ ئەسىرگە كەلگەندە، ئاقسۇم پادىشاھلىقى ئورنىغا ئېفىئوپىيە پادىشاھلىقى دەسسىگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر