UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرمېلانېزىيىلىكلەر

مېلانېزىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر مېلانېزىيىلىكلەر ئوكېئانىيىدىكى مېلانېزىيە تاقىم ئاراللىرىدا ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىدىن بىرى. ئاساسەن مېلانېزىيە تاقىم ئاراللىرىدا توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ. مېلانېزىيىلىكلەر نېگىر - ئاۋىسترالىيە ئىرقى مېلانېزىيە تىپى (نېگىر تىپى) غا كىرىدۇ. ئۇلار سولومۇنلار، ۋانۇئاتۇلار، يېڭى كالىيدۇنىيىلىكلەر ۋە فىجىيلار قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مېلانېزىيىلىكلەر جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى مېلانېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە مېلانېزىيە تىللىرى قوللىنىدۇ. مېلانېزىيىلىكلەرنىڭ بىر قىسمى توتېمغا چوقۇنىدۇ. بىر قىسمى خرىستىئان دىنى پروتېستانتىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مېلانېزىيىلىكلەر ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگلىكى، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچلىقىدا شېكەر قومۇچى، قەھۋە، كاكائو، كاۋچۇك قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. مېلانېزىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى بۇنىڭدىن 5000 يىل ئىلگىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەنلەر . مېلانېزىيىلىكلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرى ئاددىي، بىراق بېزەكلىرى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ، ئەرلىرىنىڭ بېزەكلىرى ئاياللىرىنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. تۇرار - جايلىرى ئېگىز قوزۇق قېقىپ، يەردىن كۆتىرىپ ئۈسىتىگە سېلىنغان، ئۆگزىسى ئىككى تەرەپكە يانتۇ قىلىپ ئوت چۆپلەر بىلەن يېپىلغان كەپىلەردىن ئىبارەت. مېلانېزىيىلىكلەر تارقاق ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، ھەر قايسى جايلىرىدىكى مېلانېزىيىلىكلەرنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى بىر - بىرىگە ئانچە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، مىلانېزىيىلىكلەرنىڭ دەپنە قىلىش ئۇسۇلى سۇغا تاشلاپ دەپنە قىلىش، يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىش، كۆككە دەپنە قىلىش، غارغا قويۇپ دەپنە قىلىش، مۇميالاش (جەسەتنى قاتۇرۇپ قويۇش) ۋە كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش قاتارلىق ئون نەچچە خىلغا يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىش بىلەن سۇغا تاشلاپ دەپنە قىلىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان. مېلانېزىيىلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە دىنىي بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە فىجىيلارنىڭ زاراڭزا بايرىمى مەشھۇر.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر