UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرۋېلشلىقلار

ۋېلشلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ۋېلشلىقلار <ۋالېسلىقلار>، <ۋېلسلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئەنگىلىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليون 770 مىڭدىن كۆپرەك، ئاھالىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ۋالىس يېرىم ئارىلىدا ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيىنىڭ باشقا جايلىرى، ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى ۋە ئوكېئانىيە ئەللىرىدىمۇ بىر قىسىم ۋېلشلىقلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ۋېلشلىقلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئاتلانتىك - بالتىق تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمسى كېلىت تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىتان تىلى تارمىقىغا تەۋە ۋېلش تىلنى قوللىنىدۇ، ھازىر ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى (شەھەردىكىلىرى) ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ۋېلشلىقلارنىڭ 80 پىرسەنتى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، قالغان قىسمى باشقا مەزھەپلىرىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ۋېلشلىقلارنىڭ دىنىي جەمئىيەتلىرى 1920 - يىلىدىن باشلاپ ئەنگىكان دىنىي جەمئىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنىدى. ۋېلشلىقلار ئاساسەن چارۋىچىلىق ۋە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شىمالدىكىلىرى گۆشلۈك چارۋا، غەربىي جەنۇبتىكىلىرى سۈتلۈك چارۋا باقىدۇ، دېڭىز بويىدىكىلىرى بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، جەنۇبىي قىسمىنىڭ جىلغىلىرىدا ياشىغۇچىلار، كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋە ئۆستۈرىدۇ؛ سانائىتى كۆمۈر قېزىش، مېتاللورگىيە، ماشىنسازلىق، نېفىت ئايرىش تارماقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، شۇڭا ۋالىس يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ئەنگىلىيىنىڭ مۇھىم سانائەت رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋېلشىلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى ئىنگىلىزلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشپ كېتىدۇ. ۋېلشلىقلاردا قەرەللىك ئۆتكۈزىلىدىغان ئەنئەنىۋى كاتتا بايرام - مۇزىكا - ئۇسسۇل فېستاۋالى بولۇپ، ئۇلار بۇ بايرامنى ئۆزىنىڭ مىللىي موزىكا - ئۇسسۇللىرى بىلەن كۈتىۋالىدۇ. ۋېلشلىقلار موزىكا ۋە ناخشا ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن مىللەت، شۇڭا <ئۈچ ۋېلش بىر يەرگە بارسا بىر ئانسامبىل تەشكىل قىلىدۇ> دەيدىغان تەمسىل بار. ۋېلشلىقلاردا ئات بەيگىسى، پۇتبۇل، بوكىس قاتارلىق تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئومۇملاشقان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر