UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربائولېلار

بائولېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بائۇلېلار كوتېدىۋا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك، ئۇلار جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 8.11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بائولېلار ئانىلار بىلەن قانداش بولغانلىقتىن، كىشلەر ئىككى مىللەتنى بىرلەشتۈرۈپ <ئانى - بائولېلار> دەپمۇ ئاتايدۇ، ئۇلارنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 700 مىڭدىن كۆپرەك. بائولېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ كىۋا تىلى تارمىقىغا تەۋە بائولې تىلىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى يوق، ئاھالىلىرىنىڭ بىر قىسمى فرانسۇز تىل - يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ. بائۇلېلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەبىئەتتىكى دەل - دەرەخ، تاغ - دەريا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆزىگە تۇتېم قىلىدۇ، ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ؛ ئاز بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بائولېلار ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا بانان، قەھۋە، پىچەكگۈل، كاكائو، مايلىق پالما، كاۋچۇك، شال قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ؛ دەريا - دېڭىز بويىدا ئولتۇراقلاشقان بائۇلېلار بېلىقچىلىق قىلىدۇ؛ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمۇ خېلىلا تەرەققىي قىلغان. بائولېلار ئەسلى غەربىي ئافرىقىدىكى چوڭ مىللەت گۇرۇھى بولغان ئاكانلارنىڭ غەربىي تارمىقىغا تەۋە بىر قوۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ⅩⅦ ئەسىر ئەتراپىدا ھازىرقى گانا ئەتراپىدىن پىلچىشى قىرغىقىغا كۆچۈپ كېلىپ پەيدىنپەي مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. بائولېلار ئۆزگىچە ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەت. ئەرلىرى <بوبو> دەپ ئاتىلىدىغان، ئۆزى توقۇپ چىققان كۆك ياكى ئاق ئەن رەختتىن تىكىلگەن يەڭسىز، مەيدىسى ئوچۇق ئۇزۇن نىمچە كېيىدۇ؛ ئاياللىرى <پانى> دەپ ئاتىلىدىغان گۈللۈك چىتتىن ئۇزۇن پەرتۇق تارتىۋالىدۇ، خىلمۇ - خىل بىزەكلەرنى تاقىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بائۇلېلارنىڭ ئاساسلىق يېمىكى مانىخوت، پىچەكگۈل، باتات ۋە ھەر خىل مېۋە - چېۋىلەر بولۇپ، ئۇ يەردە ئاشلىق كەم تېپىلىدۇ، ئايرىم جايدىكىلىرى گۈرۈچ ئىستېمال قىلىدۇ. بائولېلارنىڭ ئەڭ كاتتا مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى پىچەكگۈل بايرىمى بولۇپ، ھەر يىلى 2 - ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدۇ. بائولېلار ئاياخۇ، بومۇفۋې، نىدامېفۋې، ۋۇرى قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قەبىلە جەمەت، ئۇرۇقلارغا بۆلۈنىدۇ، قەبىلە باشلىقى ئەنئەنىۋ ئىجتىمائىي، سىياسىي كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، زور ھوقۇق ۋە نوپۇزغا ئىگە، بىراق قەبىلە باشلىقى ۋارىسلىق قىلىنىدىغان مەنسەپ ئەمەس، ئۇنى قەبىلە ئاقساقاللار كېڭەشمىسى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بائولېلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ - ئائىلە تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بىر كىشىنىڭ باي - كەمبەغەللىكىنى خوتۇنىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ، بىراق نەسەب ئانا جەمەت بويىچە ھېسابلىنىدۇ، مال - مۈلۈككە ۋە جەمەت ئىشلىرىغا ئادەتتە جىيەن ۋارىسلىق قىلىدۇ. بائۇلېلارنىڭ مۇزىكا، ئۇسسۇللىرى ۋە ناخشا - قوشاقلىرى قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر