UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئىلوكانولار

ئىلوكانولار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىلوكانولار فىلىپپىندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ئىلوكانلار>، <ئىلوكلار>، <ئىلوكولار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نوپۇسى 5 مىليون 700 مىڭ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 4.11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى لوزۇن ئارىلىنىڭ شىمالى ۋە غەربىي قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ گۇئام، ھاۋاي ئاراللىرى بىلەن كالفورنىيە شىتاتىدىمۇ بىر قىسىم ئىلوكانولار تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئىلوكانولار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ، جەنۇبىي ئاراللار تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا ئىلوكان تىلىنى قوللىنىدۇ، لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. ئىلوكانولارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا، ئاز بىر قىسمى خرستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگەئېتىقاد قىلىدۇ. ئىلوكانولار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق، تاماكا، شېكەر قومۇچى، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. ئىلوكانولار تاىختا دەسلەپ ھىندىستان بىلەن جۇڭگۇ مەدەنىيىتىنىىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان،ⅩⅥ ئەسىردىن كېيىن، ئىسپانىيە ۋە ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان. ئىلوكانولار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت بولۇپ، بۇ مىراسلار ئىچىدە تارىخىي ئېپوس <رام ئانگېنىڭ ھاياتى> خەلق ھېكايە - چۆچەكلىرىدىن <قۇچقاچ بىلەن راك>، <ئانگېنىڭ تەرجىمىھالى>، <دۇنيانىڭ يارىتىلىشى> قاتارلىقلار ئەل ئىچىگە كەڭ تارقالغان، ئۇلار ئاساسەن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئىلوكانولارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئىلوكانولار | UyghurWiki | UyghurWiki