UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەريېنسېي قىرغىزلىرى

يېنسېي قىرغىزلىرى

دۇنيادىكى مىللەتلەر يېنسېي قىرغىزلىرى <خاكاسلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېنسىېي قىرغىزلىرى - ئېلىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدا ياشىغۇچى قەدىمكى تۈركىي قەبىلە - قوۋملارنىڭ بىرى. يېقىنقى زامان قىرغىزلىرى بىلەن خاكاسلارنىڭ بىۋاستە ئەجدادى. <خەننامە. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە> ۋە باشقا خەنزۇچە يازما ماتېرىياللارغا قارىغاندا، ئۇلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋۋالقى Ⅲ ئەسىردىن مىلادى ⅩⅧ ئەسىرگىچە ھازىرقى غەربىي سىبىرىيىدىكى يېنسېي (قىرغىزچە ئانە - ئاناساي دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى (باش ئېقىمى)، سايان تاغلىرى باغرى، منورسىكى ئويمانلىقىدىن تارتىپ ئالتاي تاغلىرىغا قەدەر بولغان كەڭ يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق، قوشۇمچە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. خەنزۇچە تارىخنامىلەردە ئۇلارنى گېكۇنلار (خەن سۇلالىسى دەۋرىدە)، <جىيەنكۇنلار>، <خاكاسلار>، <شاگاسلار>(تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە)، <جىرجىسلار> ۋە <بۇيرۇتلار> دەپ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە خىلمۇ - خىل ئاتاپ كەلگەن. يېنسېي قىرغىزلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ھۇن ، سىيانپىي، جۇرجان، تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان. مىلادى Ⅲ ئەسىردىن كېيىن قىرغىزلار كۈچىيىپ، تەسىر دائىرىسى شەرقتە بايقال كۆلى، غەربتە تەڭرىتاغ تىزمىلىرىغىچە يېتىپ بارغان، نوپۇسىمۇ تەخمىنەن 150 مىڭ تۈتۈنگە يەتكەن، ئەسكىرىي كۈچىمۇ 30 مىڭغا يەتكەن. ئەتراپىدىكى دىڭلىڭ، ئۇسۇن، ئۇيغۇر(ئۇغۇز)، خەنزۇ قاتارلىق قوشنا مىللەت - قوۋملار بىلەن ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ، سىنىپىي جەمئىيەتكە قاراپ قەدەم قويۇشقا باشلىغان. يېنسېي قىرغىزلىرى تەخمىنەن Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن ⅩⅢ ئەسىرنىڭ بېشىغىچە داۋام قىلغان يېنسىېي قىرغىز خانلىقىنى بەرپا قىلغان، بۇ خانلىق كېيىن موڭغۇللار تەرىپىدىن ھالاك قىلىنغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ بېشىدا كۆپ قىسىم قىرغىزلار بۇ يەردىن تەڭرىتاغ ۋە پامىر تاغلىرى ئەتراپىغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان، ئۇلار كېيىن <تەڭرىتاغ قىرغىزلىرى> دەپ ئاتىلىپ، ھازىرقى زامان قىرغىز مىللىتىنىڭ ئاساسلىق ئېتنىك مەنبەسىنى تەشكىل قىلغان، ئانا ماكانىدا كۆچمەيۇ قالغان ئاھالىلىرى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا كۆپ قىسىمى يەرلىك ئاھالىلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن، بىر قىسمى خاكاسلارنى ھاسىل قىلغان. يېنسېي قىرغىزلىرى دەسلەپ كۆچمەن چارۋىچىلىق قوشۇمچە ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېيىن دېھقانچلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، يازدا كىگىز ئۆيدە، قىشتا ياغاچ ۋە كېسەكتىن سېلىنغان ئۆيلەردە ئولتۇرغان. يېنسېي قىرغىزلىرى تارىختا ⅩⅣ ئەسىرگىچە ئۇرقۇن يېنسېي قىرغىز يېزىقى (قەدىمكى تۈرك يېزىقى) نى قوللىنىپ بۇ يېزىق بىلەن <ياغلاقارخان مەڭگۈ تېشى> قاتارلىق بىر مۇنچە تارىخىي يازما يادىكارلىقلارنى يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن، بۇ يازما يادىكارلىقلار ھازىرقى قىرغىزلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېنسېي قىرغىزلىرىنىڭ نورۇز بايرىمى (باھار بايرىمى)، ياز بايرىمى، كۈز بايرىمى قاتارلىق نۇرغۇن ھېيت - بايراملىرى بولۇپ، شۇ كۈنلىرى خىلمۇ - خىل ئويۇن - پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. يېنسېي قىرغىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شامان دىنىغا، بىر قىسمى مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆلۈم - يېتىم، توي - تۆكۈن ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرى شۇ دىنلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. يېنسېي قىرغىزلىرى شىمالدا ياشىغۇچى چارۋىچى مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزگىچە كالېندارنى قوللىنىپ، يىللارنىڭ نامىنى ھايۋانلارنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ كەلگەن. يېنسېي قىرغىزلىرىنىڭ دۇمباق، بالمان، داپ، مۈڭگۈز بۇرغو (سۇناي) قاتارلىق كۆپ خىل چالغۇ ئەسۋابلىرى بولغان، يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار ئەينى زاماندا يېنسىي قىرغىزلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىرقى سىبىرىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ياشىغۇچى خاكاسلار يېنسېي قىرغىزلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولۇپ، تارىختا <يېنسېي تاتارلىرى> دەپمۇ ئاتىلىپ كەلگەن. ھازىرقى نوپۇسى تەخمىنەن 160 مىڭ بولۇپ، ئاساسەن روسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە خاكاس ئاپتونوم ئوبلاستىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى كراسنويارسكى قاتارلىق جايلارغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. خاكاسلار قەبىلە - ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ قالدۇقلىرىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئۆز ئىچىدە قىزىللار، كېچىنلار، ساگايلار، بەلتىرلار، كوئىباللار قاتارلىق قەبىلە - ئۇرۇققا بۆلۈنىدۇ. خاكاسلار شامان دىنى قاتارلىق ئىپتىدائىي دىنلارغا بولغان ئېتىقادىنىمۇ ساقلاپ قالغان، تىل جەھەتتە ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىغا تەۋە خاكاس تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. خاكاسلار ئاساسەن يېرىم كۆچمەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق قوشۇمچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
يېنسېي قىرغىزلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki