UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربامىلېكېلەر

بامىلېكېلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر بامىلېكېلەر كامېروندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن كېمېروننىڭ جەنۇبىدىكى ئېگىزلىك رايوندا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليون 900 مىڭ بولۇپ، مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 19 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بامىلېكېلەر نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان نېگىرلىرى بىلەن بانتۇ نېگىرلىرىنىڭ ئارىلاشما شالغۇت تىپىغا كىرىدۇ، ئۆز ئىچىدىن بافاڭ، باگام، باھام، بانگۋا ۋە باپى قاتارلىق توققۇز تارماققا بۆلۈنىدۇ. بامىلېكېلەر نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ بەبوئېي - كونگو تىللىرى تارمىقىغا تەۋە بامىلېكې تىلىنى قوللىنىدۇ، مىللىي يېزىقى يوق. بامىلېكېلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. ئۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بامىلېكېلەر تارىختا قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بولۇپمۇ ياغاچ ئويمىچىلىقى بىلەن ئافرىقىدا داڭ چىقارغان. دېھقانچىلىقتا تېرىق، كۆممىقوناق، مانىخوت، پالما، قەھۋە، بانان قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ. بامىلېكېلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى كۆپىنچە كۋادرات شەكىللىك ۋە ئەلئىھرام شەكىللىك كېلىدۇ. بامىلېكېلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، قائىدە - يوسۇنلىرى غەربىي ئافرىقىدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئۆلۈم - يېتىم ئۇزىتىش ئادىتى ئەرەبلەردىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ، ئۇلار مېيتنى ئومۇمەن نەغمە - ناۋا بىلەن خوشال - خۇراملىق ئىچىدە دەپنە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كىشلەرنىڭ ئۆلۈشى ھاياتلىقنىڭ ئاياغلاشقانلىقى بولماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ ۋارىسلىرى (پەرزەنتلىرى) ئارقىلىق داۋام قىلىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ، شۇڭا ئۆلۈمنى <قايغۇ> ئەمەس، بەلكى <خوشاللىق> دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ يۇرت مۆتىۋەرلىرى ياكى قەبىلە ئاقساقاللىرى قازا تاپسا، پۈتۈن يېزا بويىچە يىغىلىپ نەغمە - ناۋا ۋە ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن تاڭ ئاتقىچە ھاراق ئىچىپ بەزمە قىلىپ چىقىدۇ، ئەتىسى يەرلىككە ئاپىرىپ مېيىتنى بېشىغا قەدەر توپا بىلەن كۆمۈپ قويىدۇ، بىر - ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە ئېچىۋېلىپ، باش سۆڭىكىنى ھەشەمەتلىك زال ئىچىگە قويۇپ ساقلايدۇ. بامىلېكېلەردە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمىگە يول قويۇلىدۇ. مال - مۈلۈككە ئاتا جەمەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىدۇ. بامىلېكېلەر قەبىلە ئاقساقاللىق تۈزۈمى ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ نوپۇزى يۇقىرى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر