UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربىخارلار

بىخارلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بىخارلار ھىندىستاندا ياشىغۇچى ئون ئاساسلىق مىللەتنىڭ بىرى بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 8.94 پىرسەنتى ھىندىستاننىڭ بىخار شىتاتىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى بېنگال ۋە شىمالىي شىتاتتا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 83 مىليون 110 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 3.10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا بېنگال، پاكىستان، بوتان، نېپال قاتارلىق ئەللەردىمۇ 2 مىليوندىن كۆپرەك بىخارلار تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. بىخارلار ئاساسەن ياۋروپا ئىرقى ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، بىراق ئاھالىلىرى دراۋېد ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. بىخارلار ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بىخار تىلىنىڭ ئۈچ چوڭ دىئالىكتىنى قوللىنىدۇ. بىخارلارنىڭ كۆپ قىسمى ھىندى دىنى بىلەن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسىم ئاھالىلىرى ⅩⅡ ئەسىردە ئىسلام دىننى قوبۇل قىلغان. بىخارلار ئاساسەن دېھقانچىلىق قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، سېرىق كەندىر، شىكەر قومۇچى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ. بىخالاردا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، بىراق تائىپچىلىك قاتتىق بولۇپ، ئومۇمەن تائىپە ئىچىدە نىكاھلىشىدۇ، يىگىت - قىزلىرى بالاغەتكە يەتمەيلا ئاتا - ئانىلىرى ئۆز - ئارا پۈتۈشۈپ قويىدۇ. بىخارلارنىڭ ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىرى مىيتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، مۇسۇلمانلار يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىدۇ. بىخارلار ئاقكۆڭۈل، مۇلايىم كېلىدۇ، ئەدەپ - قائىدىگە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆز - ئارا ئۇچراشقاندا تەبەسسۇم بىلەن سالاملىشىدۇ، چوڭ، مويسىپىت كىشلەرگە دۇچ كەلسە ئىگىلىپ تازىم قىلىدۇ، ئاياللىرى سارى بىلەن باش - كۆزىنى توساپ تۇرۇپ سالام قىلىپ ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
بىخارلار | UyghurWiki | UyghurWiki