بەدەۋىلەر
دۇنيادىكى مىللەتلەر
بەدەۋىلەر<ئەل - بەدەۋىلەر>(يايلاق كىشلىرى ياكى چۆل ئوغلى مەنىسىدە)، <بەدۋۇنلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەدەۋىلەر غەربىي ئاسىياۋە شىمالىي ئافرىقا ئەللىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ بىر تارمىقى. مۆلچەرلىنىشىچە، نوپۇسى تەخمىنەن 10 مىليون. بەدەۋىلەر ئەسلىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ياشىغۇچى كۆچمەن چارۋىچى خەلق ئىدى، كېيىن كۆچمەن چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، پەيدىنپەي غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىنىڭ كەڭ رايونلىرى يەنى مىسىرنىڭ غەربىي چېگرىسىدىن ئىرانغا قەدەر كېڭەيگەن. ھازىر ئۇلار ئاساسەن ئەرەبىستان ،شىمالىي ئافرىقا، سۈرىيە جەزىرىلىرى بىلەن چەت ياقا جايلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.
بەدەۋىلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىدۇ.
بەدەۋىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى ۋە ۋاھابىي مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىسىنىڭ كۆپچىلىكى تۆگە باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىراق Ⅹ