UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرئىئوردانىيىلىكلەر

ئىئوردانىيىلىكلەر

دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىئوردانىيىلىكلەر ئىئوردانىيىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ بىر تارمىقى؛ ئادەتتە <ئىئوردان ئەرەبلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ 7.98 پىرسەنتى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي ۋە شەرقىي قىرغىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 2 مىليون 960 مىڭ بولۇپ، يېرىمىنى دېگۈدەك پەلەستىنلىكلەر ئىگىلەيدۇ. شۇڭا ئەمەلىيەتتە ئىئوردانلارنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 160 مىڭ بولۇپ، ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيىدىمۇ بىر قىسىم ئىئوردانلار بار. ئىئوردانىيىلىكلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ ھىندى - ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ، سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىلىنىڭ ئىئوردان دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. ئىئوردانىيىدە ئەرەب تىلى دۆلەت تىلى قىلىنىدۇ. ئىنگىلىز تىلىنىمۇ بىلىدۇ. ئىئوردانىيىلىكلەرنىڭ 90 پىرسەنتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە، ئاز بىر قىسمى دېرۇز مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىئوردانىيىلىكلەر ئاساسەن (80 پىرسەنتى) دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا - سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىئوردانىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى ساملارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - Ⅴ ئەسىرلەردە ئىئوردانىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئىئوردانىيىلىكلەرنىڭ توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ۋە يىمەك - ئىچمەك ئادەتلىرى ئەرەب ئەللىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. ئىئوردانىيىلىكلەرنىڭ يېڭى يىل، روزا ھېيت، قۇربان ھېيتى، مەۋلۇد، مىئىراج كېچىلىكى ۋە تەنتەنە قاتارلىق دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى بار. بۇ ئايەملەرنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. ئىئوردانىيىلىكلەر ئەدەپ - قائىدىلىك كېلىدۇ. ئۆز ئارا ئۇچراشقاندا <ياخشى قوپقانسىز>، <كېچىڭىز خەيرلىك بولسۇن> دەپ ئەھۋاللىشىپ ئۆتىدۇ، ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلەر ئۆز ئارا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر - بىرىنىڭ ئىككى مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ. ئىئوردانىيىلىكلەر مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ھېرىسمەن كېلىدۇ، تېلىۋىزىيە، كىنوخانا، تانسىخانىلىرى نورمال تىجارەت قىلىدۇ، چەۋەندازلىق، قارىغا ئېلىش، سۇ ئۈزۈش ۋە چېلىشىش قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر