UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەررۇسلار

رۇسلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر رۇسلار روسىيە فېدېراتىسيىسىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت ھەمدە دۇنيا بويىچە نوپۇسى كۆپ، تارقىلىشى كەڭ بولغان مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئومۇمىي نوپۇسى 148 مىليون 840 مىڭدىن كۆپرەك. رۇسلارنىڭ تەخمىنەن 83 پىرسەنتى (113 مىليون 522 مىڭ) روسىيە فېدېراتسىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، فېدېراتسىيە نوپۇسىنىڭ 6.82 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. تەخمىنەن 25 مىليوندىن كۆپرەك رۇس ئۇكرائىنا (11 مىليون 472 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 1.21 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، قازاقىستان (6 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 8.37 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، ئۆزبېكىستان (1 مىليون 666 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، بېلوروسىيە (1 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 9.11 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، ئەزەربەيجان (476 مىڭ)، گرۇزىيە (372 مىڭ)، مولداۋا (506 مىڭ)، لېتىۋا (302 مىڭ)، قىرغىزىستان (921 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 9.29 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، تاجىكىستان (395 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 4.10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، لاتۋىيە (821 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 8.32 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، تۈركمەنىستان (349 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 6.12 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، ئېستونىيە (409 مىڭ بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 9.27 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ)، ئەرمەنىستان (70 مىڭ) قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي ياۋروپا، ئاسيا ۋە ئامېرىكا ئەللىرىدىمۇ نەچچە مىليون رۇس بار. رۇسلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ شەرقىي ياۋروپا تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسنىڭ شەرقىي سىلاۋيان تىللىرى تارمىقىغا تەۋە رۇس تىلىنىڭ ئىككى چوڭ دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى رۇس يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ، بۇ تىل - يېزىقنى قوللىنىدىغانلار 190 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ب د ت دىمۇ ئىشلىتىدىغان تىللارنىڭ بىرى. رۇسلار ئاساسەن پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسىم ئاھالىلىرى ئەجدادلىرىغا ۋە تەبىئەت، سېھىرگەرلىككە چوقۇنۇشتەك بەزى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنىمۇ ساقلاپ قالغان. رۇسلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مىللەتلىرى ئىچىدە، سانائەت، پەن - تېخنىكا ۋە يېزا ئىگىلىكى راۋاج تاپقان مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 73 پىرسەنتى شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان، ئاھالىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ماشىنسازلىق، پولات - تۆمۈر، رەڭلىك مېتال، نېفىت، كۆمۈر قاتارلىق سانائەت تارماقلىرىدا ئىشلەيدۇ، يېزا ئىگىلىك نوپۇسى 35 مىليون بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 27 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقتا ئاساسەن بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، قىزىلچا، ياڭيۇ، زىغىر، پۇرچاق، كەندىر قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.چارۋىچىلىقتا چوشقا، كالا، قوي قاتارلىقلار بېقىلىدۇ. رۇسلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى رۇس قوۋملىرى ئىدى. ئۇلار Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە، ھازىرقى ئۇكرائىنا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى كيېۋنى ئۆزىگە مەركەز قىلغان ھالدا كيېۋرۇس كىنەزلىكىنى قۇرغان، شۇڭا تارىختا ئۇلار <كيېۋ رۇسلىرى> دەپ ئاتالغانىدى. ⅩⅣ ئەسىردىن باشلاپ، رۇسلار پەيدىنپەي قەدىمكى رۇس قوۋملىرىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ، ⅩⅥ ئەسىرنىڭ بېشىدا موسكۋانى مەركەز قىلىپ ئىۋان 4 (1530 - 1584) نىڭ باشچىلىقىدا ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۇنجى رۇس دۆلىتىنى قۇرغان. 1547 - يىلى دۆلەت نامىنى چارروسىيىگە، 1721 - يىلى رۇس ئىمپېرىيسىگە ئۆزگەرتكەن. بۇ، رۇس مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. ⅩⅥ - ⅪⅩ ئەسىرلەردە، چارروسىيىنىڭ سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىكى ۋە يات مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ھازىرقى زامان رۇس مىللىتى ئاخىرى شەكىللەنگەن، بىراق رۇسلار ئولتۇراقلىشىش رايونى، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ پەرقىگە قاراپ، شىمالىي رۇسلار، جەنۇبىي رۇسلار ۋە ئوتتۇرا قىسىم رۇسلاردىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەھەللىۋى مىللىي گۇرۇھقا ھەمدە مېشيورا، كازاك، سېمئى قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنەتتى. رۇسلار شانلىق كۈرەش ئەنئەنىسىگە ئىگە مىللەت. رۇسلار بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان بولكا، قىيمىلىق غىزالار بىلەن شورپا، سوغۇق سەي، سۈت - قېتىق، بېلىق قاتارلىق چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىدۇ، چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن پىۋا، كۇۋاس بىلەن ۋوتكا ھارىقى ۋە چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھېيت - بايرام كۈنلىرى گۆشنان، پىرەنىك ۋە خىلمۇ خىل شورپىلارنى ئىستېمال قىلىدۇ.شىمالدا ياشايدىغان رۇسلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى ياغاچ قۇرۇلمىلىق، ئۆگزىسى ئىككى تەرەپكە يانتۇ كەلگەن ئىككى قەۋەتلىك تىك ياغاچ ئۆيدىن ئىبارەت. جەنۇبتا ياشايدىغان رۇسلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى پىششىق خىش ۋە ياغاچ بىلەن قوپۇرۇلىدۇ، ئۆگزىسى تۆت تەرەپكە يانتۇ قىلىنىپ بىر قەۋەتلىك سېلىنىدۇ، ئۆيدە تام مەش بولىدۇ. ئۆي ۋە ھويلا ئاراملىرىدا گۈل - گىياھ ئۆستۈرىلىدۇ. ھەم پاكىز، ھەم رەتلىك تۇتۇلىدۇ. رۇسلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىم - كېچەكلىرى ئىچىدە ئاياللارنىڭ بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، شىمالدىكى رۇس ئاياللىرى ياقىسى كەشتىلەنگەن، پۈرمىلىك كۆڭلەك بىلەن ساراپان كېيىدۇ، جەنۇبتىكىلىرى <بونۋا> دەپ ئاتىلىدىغان يوپكا كېيىدۇ، ئەرلىرى ياقىسىغا كانۋاي ئىشلىگەن كۆڭلەك كېيىپ بەلباغ بىلەن بېلىنى باغلىۋالىدۇ، بىراق ھازىر بۇنداق كىيىم - كېچەكلەرنى كېيگەن رۇسلارنى پەقەت ھېيت - ئايەم كۈنلىرىدىلا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. رۇسلاردا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى ئورنىتىلغان بولۇپ، يىگىت - قىزلارنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىگە يول قويۇلىدۇ، نىكاھ ئىشلىرىدا مىللەت ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ، شۇندىمۇ توي قىلىشتىن بۇرۇن ئاتا - ئانىلىرىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ. رۇسلارادا بىر جۈپ ئەر - خوتۇنلار ئۆي - ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن، بىر يىللىقنى <چىت توي>، بەش يىللىقنى <ياغاچ توي>، يەتتە يىللىقنى <مىس توي>، 25 يىللىقنى <كۈمۈش توي>، 50 يىللىقنى <ئالتۇن توي>، 70 يىللىقنى <بەخت توي>، 75 يىللىقنى <خان تاجى تويى> دەپ ئاتاپ ئالاھىدە خاتىرلەش، ئۇرۇق - تۇغقان، دوسىت - بۇرادەرلىرى قۇتلۇقلاپ سوۋغات تەقدىم قىلىش ئادەتلىرى بار. رۇسلار مېيتنى يەرگە كۆمۈپ دەپنە قىلىش بىلەن كۈيدۈرۈپ دەپنە قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ. رۇسلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 20 نەچچە خىلغا يېتىپ بارىدۇ، بۇ بايراملار رۇس مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. رۇسلارنىڭ بۇ ھېيت - بايراملىرى ئىچىدە ئاساسلىقلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت؛ ماسلېنتسا بايرىمى، روژدېستۋو بايرىمى، پاسخا بايرىمى. بۇنىڭدىن باشقا، رۇسلارنىڭ يەنە تەنتەنە ياكى قىش ئۇزىتىش بايرىمى (قەمەرىيە 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ياكى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، گۆللەش بايرىمى (مىلادى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى، قارىغاي بايرىمى (مىلادى 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، پېتىر بايرىمى (مىلادى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، ئىليا بايرىمى (مىلادى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، مول ھوسۇل بايرىمى (مىلادى 10 - ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ)، بالاغەتكە يېتىش بايرىمى، چوقۇندۇرۇش بايرىمى قاتارلىق بىر مۇنچە دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرىمۇ بار. رۇسلاردا چاڭغا تېيىلىش، مۇز تېيىلىش، ئات بەيگىسى، يۈگۈرۈش، پۇتبۇل، شاھمات، بوكس قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىر قەدەر ئومۇملاشقان. رۇسلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرى ئىچىدە <ئىگورىنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىش خاتىرىسى> - ئەل ئىچىگە كەڭ تارالغان قەھرىمانلىق توغرىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئېپوسلىرىدىن بىرى. رۇسلار ياۋروپادا ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان مىللەت بولۇپ، يېقىنقى زامان تارىخىدا رۇس ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ پېشىۋاسى گېرتسېن (1812 - 1870)، چېرنىشېۋسكى (1828 - 1889)، دوبروليۇبوۋ (1836 - 1861)، لېنىنزمغا ئاساس سالغۇچى لېنىن (1870 - 1924)، رۇس مەشھۇر مەسەلچىسى كرىلوۋ (1769 - 1844)، رۇس ئەدەبىياتىنىڭ پېشىۋاسى پوشكىن (1799 - 1837)، گوگول (1809 - 1825)، تۇرگېنېۋ (1818 - 1883)، گوركى (1868 - 1936)، تولىستوي (1828 - 1910) قاتارلىقلار، مەشھۇر ئالىم لومونوسوۋ (1711 - 1765)، خىمىك مېندېلدېيېۋ (1834 - 1907) قاتارلىق كىشلەر مەيدانغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆلمەس ئەسەر ۋە كەشپىياتلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقان. رۇسلار ئەدەپ - قائىدىلىك ھەم خۇش - چاقچاقچى كېلىدۇ، ئەل - ئاغىينىلەر ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلار ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلىپ قايتا ئۇچراشقاندا، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ بىر - بىرىنىڭ مەڭزىگە ئۈچ نۆۋەت سۆيۈپ قۇيىشىدۇ. ئەرلەر ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ سول قولىغا سۆيۈپ قويىدۇ. رۇسلار چوڭلارنى ۋە ئاياللارنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيدۇ. مېھمانغا بارغاندا، ئەرلەر ئاۋۋال ئايال ساھىبخانغا سالام بېرىدۇ، تاماكا چېكىشكە توغرا كەلسە ئاياللارنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ، ئەر - ئاياللار سىرتقا چىققاندا، ئەرلىرى ئاياللىرىغا ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. رۇسلار جامائەت سورۇنلىرىدا قىيا - چىيا قىلىپ غەۋغا كۆتىرىشنى، يەرگە تۈكۈرۈش ۋە مىشقىرىشنى، ئاياغ بىلەن ئۆيگە كىرىشنى ئەدەپسىزلىك دەپ قارايدۇ. رۇسلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرىمۇ كۆپ. رۇسلار ياۋروپا مىللەتلىرىگە ئوخشاش <13> سان بىلەن جۈمە كۈنىدىن ھەزەر ئەيلەيدۇ، بىراق <7> ساننى ئەڭ ياخشى كۆرۈپ، بەخت - تەلەيلىك سان ھېسابلايدۇ. رۇسلار قارا مۈشۈكنىمۇ يامان كۆرىدۇ. رۇسلار تۇزنى ئېزىز بىلىدۇ. رۇسلار ئۆيدىن بىرەرسى چىققاندا، ئۆي ۋە ھويلا - ئارامنى سۈپۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۆي سۈپۈرسە سەپەردىن قايتىپ كېلەلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ. كەچقۇرۇن يېتىش ئالدىدىمۇ ئۆي سۈپۈرمەيدۇ. بۇنى ئامەت ۋە مال - دۇنيا قاچىدۇ دەپ قارايدۇ. رۇسلار ئىت گۆشىنى يېمەيدۇ. غىزالانغاندا ئاۋاز چىقارمايدۇ. رۇسلار ئۆزگىچە رەڭ - بوياق قارىشىغا ئىگە. رۇسلار كۆك رەڭنى دوستلۇق، ئىناقلىق، يېقىنلىقنىڭ سىمۋولى دەپ ھېسابلايدۇ. سېرىق رەڭنى ۋاپاسىزلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. رۇسلار سېرىق ئازغان گۈلنى شۇملۇق پېشكەللىك ۋە ھالاكەت ياكى مۇسىبەتتىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. رۇسلار بىر - بىرىگە قول قاپ (پەلەي) تەقدىم قىلىشنى ئىغىۋاگەرچىلىك دەپ قارايدۇ. رۇس قىزلىرى ھەرگىز شىرەنىڭ بۇرجىكىدە ئولتۇرمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ قالغان قىزغا ئەر چىقمايدۇ، دەپ قارايدۇ. رۇسلار ئادەتتە چارشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرىنى تەلەيسىز كۈن دەپ قارايدۇ. شۇڭا بۇ كۈنلىرى ھەرگىز توي ئىشلىرىغا ئەلچى ئەۋەتمەيدۇ، ئاينىڭ 12 - كۈنىدىنمۇ ئالاھىدە پەخەس بولىدۇ، بۇ كۈننى <شەيتان تېگىش> كۈنى دەپ ئاتايدۇ. رۇسلار ئومۇمەن ئاينىڭ 3 -، 5 -، 7 -، 9 - قاتارلىق تاق كۈنلىرىنى <قۇتلۇق كۈن> دەپ ھېسابلايدۇ. ياتلىق بولمىغان رۇس قىزلىرى سول قولىنىڭ نامسىز بارمىقىغا ئۈزۈك تاقىۋالىدۇ، شۇڭا رۇس يىگىت - قىزلىرىنىڭ توي مەرىكىسى كۈنى توي ئۈزۈكى ئالماشتۇرغاندا، يىگىت ئۈزۈكنى قىزنىڭ سول قولىدىكى نامسىز بارمىقىغا تاقاپ قويۇشتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىدۇ. رۇسلاردا ئەڭ مودا سوۋغا - گۈل تەقدىم قىلىش. رۇسلاردا ئائىلە - جەمەت ۋە ئۇرۇق - تۇغقان، دوسىت - بۇرادەرلىك كۆز قارىشى بەك كۈچلۈك. شۇڭا ئۆزى قىينىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇغقان، دوسىت - بۇرادەرلىرىدىن ھېچ نەرسىسىنى ئايىمايدۇ. رۇسلار ئىتنىڭ مۇلايىم، ئېگىسىگە سادىق بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىگە قاراپ، ئۇنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ. ھەمدە ئىت يىلىدا ئەلدە تىنىچلىق، ئاسايىشلىق بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئىت بېقىش ئۇلاردا بىر خىل ئادەتكە ئايلانغان. رۇسلار تارىختا <رۇس كالېندارى> دەپ ئاتىلىدىغان ئۆزگىچە كالېندارنى قوللىنىپ كەلگەنىدى. 1918 - يىلى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سوۋېت ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىپ، بۇ خىل كالېندارنى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ مىلادىيە كالېندارىنى قوللىنىشنى جاكارلىدى. رۇسلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى ئۆزىنىڭ ئىسمى، ئاتىسىنىڭ ئىسمى ۋە فامىلىسىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. رۇسلار ئادەتتە ئېغىز تىلىدا فامىلىسى ياكى ئىسمىنىلا ئاتايدۇ، ھۈرمىتىنى ئىپادىلىگەندە، ئىسمى بىلەن ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتايدۇ، بولۇپمۇ مۆتىۋەر كىشلەرنىڭ پەقەت ئاتىسىنىڭ ئىسمىنىلا ئاتايدۇ. مەسىلەن، لېنىننىڭ تولۇق ئىسمى ۋىلادېمىر ئىلئىچ لېنىن بولۇپ، كىشلەر ئۇنى كۆپىنچە ئىلئىچ دەپ ئاتايدۇ. رۇسلار رەسىمىي ھۈججەتلەردە ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قىسقارتىپ باش ھەرىپىنىلا يازىدۇ. رۇسلاردا بىر ئائىلىدىكىلەر ۋە يېقىن كىشلەر ئۆزئارا دائىم ئەركىلەتمە نامىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن، ئىۋاننى ئەركىلىتىپ <ۋانيا> ياكى <ۋانيۇشا>، سېرگېينى ئەركىلىتىپ <سېرليۇشا> دەپ ئاتايدۇ. رۇسلارنىڭ فامىلىسى مەلۇم مەنىنى بېرىدۇ، بىراق ئىسىم ھېچقانداق مەنە بەرمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر