UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرماۋرىتىئۇسلار

ماۋرىتىئۇسلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ماۋرىتىئۇسلار <ھىندى نەسلىدىن بولغان ماۋرىتىئۇسلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئاساسەن ھىندى ئوكياننىڭ غەربىدىكى ماۋرىتىئۇس ئارىلىدا ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 1 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ماۋرىتىئۇستىكى ئاساسلىق مىللەت ھەم ئاھالە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەخمىنەن 67 پىرسەنتىنى ھىندىلار، پاكىستانلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىگىلەيدۇ، 28 پىرسەنتىنى ياۋروپالىقلار، بانتۇ نېگىرلىرى، ماداغاسقارلىقلار (مالغاشلار) ئىگىلەيدۇ، شۇڭا كىشلەر ماۋرىتىئۇسلارنى ھىندىستانلىقلار بىلەن پاكىستانلىقلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدۇ. ماۋرىتىئۇسلار ھىندى - ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ ھىندى تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ھىندى، ئوردۇ، بىخار تىللىرى بىلەن ئىنگىلىز ۋە فىرانسۇز تىللىرىنى قوللىنىدۇ، ئىنگىلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. ماۋرتىئوسلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچلىقتا شېكەر قومۇچى ئۆستۈرىلىدۇ، شېكەر قومۇچى ماۋرىتىئۇسلار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى بولۇپ، سىرتقا ئېكىسپورت قىلىنىدۇ، شۇڭا ماۋرىتئۇس دۇنيا بويىچە كۇبادىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان شېكەر ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ماۋرىتىئۇس ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى (75 پىرسەنتى) ھىندى دىنى بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، 17 پىرسەنتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ماۋرىتىئۇسلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، ئۆرپ - ئادەتلىرى ئاساسەن ھىندىستانلىقلارغا ئوخشايدۇ، گۈرۈچ غىزاسى بىلەن بېلىق ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. توي - تۆكۈن ئىشلىرىنىمۇ ئوخشاش بولمىغان دىندىكىلەر ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ئۆتكۈزىدۇ. ماۋرىتىئۇسلارنىڭ ھىندى دىنىدىكىلىرى مېيتنى كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ، كاتولىك دىنىدىكىلەر بىلەن ئىسلام دىنىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قائىدىسى بويىچە دەپنە قىلىدۇ. ماۋرىتىئۇسلارنىڭ ھېيت - ئايەملىرى 20 نەچچە خىلغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە سېۋا كېچىلىكى، پانۇس بايرىمى، كاباددې بايرىمى ۋە ئات بەيگىسى مەرىكىسى قاتارلىق ھېيت - ئايەملىرى ماۋرىتىئۇسلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئات بەيگىسى مەرىكىسى ھەر يىلى ئاۋغۇسىت ئېيىنىڭ ئاخىرقى بىر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ، ماۋرىتىئۇسلارنىڭ ئەڭ قاينايدىغان بىر كۈنى بولۇپ، كىشلەر بۇ كۈننى ماۋرىتىئۇسلارنىڭ <تەنتەنە بايرىمى> دەپ ئاتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ماۋرىتىئۇسلار | UyghurWiki | UyghurWiki